چېن شۈيبيەن بېيجىڭنى تەيۋەننىڭ خەلق قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى سايلىمىغا دەخلىي تەرۇز يەتكۈزدى دەپ ئەيىپلىدى


2005.05.09

تەيۋەن خەلق قۇرۇلتاي ۋەكىللەر سايلىمى شەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. تەيۋەن پرېزىدېنتى چىن شۈيبيەن بۇنىڭ ھارپىسىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەيۋەننىڭ خەلق قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى سايلىمىغا دەخلى - تەرۈز يەتكۈزدى دەپ ئەيىپلىدى.

بۇ قېتىمقى خەلق قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى سايلىمى تەيۋەننىڭ ئاساسىي قانۇنىنى ئىسلاھ قىلىپ، ئومۇمىي خەلق رايىنى سىناش ئېلىپ بېرىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا بىۋاستە باغلىنىشلىق بولۇپ، ھەر قايسى پارتىيىلەردىن سايلانغان خەلق ۋەكىللىرى كىلەر ئايدا ئاساسىي قانۇنغا ئىسلاھ كىرگۈزۈش ۋە ياكى كىرگۈزمەسلىك مەسىلىسىدە بېلەت تاشلايدۇ.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، چىن شۈيبيەن يەكشەنبە كۈنى كەچتە، خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەيۋەندىكى ئۆكتىچى پارتىيىلەرنىڭ تەيۋەن ئاساسىي قانۇنىنى ئىسلاھ قىلىشنى توسۇشقا ياردەم بېرىۋاتىدۇ دەپ كۆرسەتكەن.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆتكەن يىلى تەيۋەن خەلقپەرۋەر پارتىيىسىنىڭ رەئىسى سوڭ چۇيۈ ئامېرىكىدا، خىتاي تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى چىن يۈنلىڭ بىلەن كۆرۈشكەن. خىتاي دائىرىلىرى سۇڭ چۇيۈدىن ئاساسىي قانۇننى ئىسلاھ قىلىشقا قارشى تۇرۇشقا چاقىرغان. نەتىجىدە سۇڭ چۇيۈ ئۇزۇن ئۆتمەي ئاساسىي قانۇننى ئىسلاھ قىلىشقا قارشى چىققان.

چىن شۈيبيەن ،" بۇ خىتاينىڭ تەيۋەننىڭ ئاساسىي قانۇنىنى ئىسلاھ قىلىشىنى چات كېرىپ، تەيۋەننىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىقىنىڭ ئىپادىسى" دەپ بىلدۈردى.

ئەمما تەيۋەن خەلقپەرۋەر پارتىيىسى ئۆز پارتىيە رەئىسى سوڭنىڭ ئامېرىكىدا خىتاي دائىرىلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى رەت قىلىپ، مەزكۇر پارتىيىنىڭ ئۇزۇندىن بېرى تەيۋەننىڭ ئاساسىي قانۇنىنى ئىسلاھ قىلىشقا قارشى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.