تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى ياقلايدىغان ھاكىمىيەتتىكى پارتىيە سايلامدا غەلىبە قازاندى

تەيۋەندىكى خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى سايلىمىنىڭ نەتىجىسى شەنبە كۈنى ئېلان قىلىنىپ، سايلامدا تەيۋەن مۇستەقىللىقىنى ياقلايدىغان ، ھاكىمىيەتتىكى تەيۋەن دېموكراتىيە تەرەققىيات پارتىيىسى كۆپ سانلىق ئاۋازغا ئېرىشتى.

سايلام نەتىجىسىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، تەيۋەن دېموكراتىيە تەرەققىيات پارتىيىسى 127 ئورۇنغا، گومىنداڭ پارتىيىسى 117 ئورۇنغا ئېرىشكەن. قالغان 39 ئورۇننى تەيۋەن بىرلەشمە پارتىيىسى ۋە خەلقپەرۋەر پارتىيىسى ئىگىلىگەن.

تەيۋەن پرېزىدېنتى چىن شۈيبيەن، تەيۋەن ئاساسىي قانۇنىغا ئىسلاھات كىرگۈزۈشنى قوللايدىغان ئاۋازنىڭ كۆپ سانلىقنى ئىگىلىشى، دېموكراتىيىنىڭ غەلىبە قازانغانلىقى، تەيۋەننىڭ غەلىبە قازانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقنى بىلدۈردى.

تەيۋەن گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ رەئىسى ليەن جەن بولسا، بۇ قېتىمقى خەلقنىڭ بېلەت تاشلاش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، سايلامنىڭ خەلقنىڭ ھەر قايسى پارتىيىلەرنى قوللاش دەرىجىسىنى ئېنىق ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

تەيۋەننىڭ خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى بىر دائىمىي ئورۇن بولماستىن، بىرەر ئىھتىياج تۇغۇلغاندا سايلىنىدۇ. سايلامدا ئادەم ئەمەس، پارتىيە سايلاپ چىقىلىدۇ. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇ قېتىمقى خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەزىپىسى، سايلام سىستېمىسىدا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، ئومۇمى خەلق رايىنى سىناش ئېلىپ بېرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەيۋەن ئاساسىي قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش لايىھىسىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ.

بۇ قېتىمقى 300 كىشىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بىر ئاي بولۇپ، ئۇلار ۋەزىپىسىنى ئورۇنلىغاندىن كىيىن ئۆزلىكىدىن تارقىلىدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتى تەيۋەننىڭ ئومۇمى خەلق رايىنى سىناش ئېلىپ بېرىشىنى رەسمىي مۇستەقىللىققا قاراپ ماڭغانلىقىنىڭ بىر ئىپادىسى دەپ قاراپ كەلمەكتە. (ئارزۇ)