چېن شۈيبيەن تەيۋەننىڭ خىتايغا بولغان قىزغىنلىقىنىڭ پەسەيگەنلىكىنى بىلدۈردى


2005.05.23

تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۈيبيەن چارشەنبە كۈنى ئۆكتىچى پارتىيە رەھبەرلىرىنىڭ خىتاي سەپىرىدىن كېيىن تەيۋەندە شەكىللەنگەن، خىتاي قىزغىنلىقىنىڭ ھازىر پەسەيگەنلىكىنى بىلدۈردى.

چېن شۈيبيەن ياپونىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشكەندە بۇ سۆزلەرنى قىلغان بولۇپ، ئۇ يەنە، تەيۋەننىڭ داۋاملىق تۈردە ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ نورماللىشىشىنى ئىستەيدىغانلىقىنى، لېكىن سۆھبەت چوقۇم دېموكراتىك ۋە تىنچ يولدا ئېلىپ بېرىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ سۆزىدە، جۇڭخۇئا مىنگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىدا چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، " تەيۋەن ئىككىنچى خوڭكوڭ بولۇپ قېلىشنى خالىمايدۇ" دېدى. ئۇ يەنە، ليەن-سوڭلار خىتاينى زىيارەت قىلىپ كەلگەندە، گەرچە تەيۋەندە بىر مەزگىل خىتاي قىزغىنلىقى قوزغالغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندا، تەيۋەننىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىشىنى يەنە بىر قېتىم باستۇرۇشىنىڭ، تەيۋەن خەلقىنى قايتىدىن ئويغاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

چېن شۈيبيەن يەنە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەمەلدارلىرىغا، ئەگەر ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايغا قاراتقان قورال چەكلىمىسىنى بىكار قىلسا، بۇ، خىتاينى تەيۋەنگە قورال كۈچى ئىشلىتىشكە رىغبەتلەندۈرگەنلىك بولۇپ ھېسابلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.(پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.