چىن شۈيبيەن خىتاي رەھبەرلىرىنى تەيۋەن ھۆكۈمىتى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا چاقىردى


2005.07.12

سەيشەنبە كۈنى، تەيۋەن پرېزىدېنتى چىن شۈيبيەن خىتاي رەھبەرلىرىدىن، تەيۋەندىكى سىياسىي ئۆكتىچىلەر بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئورنىغا، ئۇنىڭ ھۆكۈمىتى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەت قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

چىن شۈيبيەن سەيشەنبە كۈنى، ئامېرىكىنىڭ سابىق شەرقىي ئاسىيا ۋە تىنچ ئوكيان ئىشلىرىغا مەسئۇل تاشقى ئىشلار ياردەمچى مىنىستىرى رەندى شىرىيەربىلەن تەيبېيدە ئۆتكۈزگەن سۆھبىتى جەريانىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن تەيۋەن مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن تەيۋەننىڭ سايلانغان ھۆكۈمىتى بىلەن مۇناسىۋەت قۇرۇشىنى تەلەپ قىلدى.

ئۇ مۇنداق دېدى "تەيۋەن ھۆكۈمىتى بىلەن مۇناسىۋەت قۇرۇش، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى يولى. ئەگەر بېيجىڭ رەھبەرلىرى داۋاملىق تەيۋەن ھۆكۈمىتىنى بىر تەرەپكە قايرىپ قويۇشقا تىرىشسا بۇ، مەسىلىلەرنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇرىدۇ"، دېدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى چىن شۈيبيەننى يوشۇرۇن ھالدا، تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللاۋاتىدۇ دەپ ئەيىبلەپ، ئۇنىڭ ھۆكۈمىتى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەت قۇرۇشنى رەت قىلىپ، يېقىندىن بېرى تەيۋەندىكى تەيۋەننىڭ خىتاي بىلەن بىرلىشىشنى قوللايدىغان پارتىيىلەرنىڭ رەھبەرلىرىنى خىتايغا تەكلىپ قىلىش ئارقىلىق چىن شۈيبيەن ھۆكۈمىتىنى سىياسىي جەھەتتىن يالغۇز قالدۇرۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ.

چىن شۈيبيەن، "تەيۋەن خەلقى، خىتاينىڭ بۇ ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق تەيۋەن خەلقىنى بۆلۈپ پارچىلاشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى چۈشىنىپ يەتتى. لېكىن بىز يەنىلا سەۋر قىلىپ، ئەقىل - پاراستىمىزنى ئىشقا سېلىپ، خىتاي بىلەن دىئالوگ ئىلىپ بېرىش ئۈچۈن تىرىشىمىز"، دېدى. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.