تەيۋەن، دۇنيادىكى سىياسىي تەسىرىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن خەلقئارالىق بىر تەشكىلات قۇرغان


2005.08.14

تەيۋەن ھۆكۈمىتى تەيۋەننىڭ خەلقئارادىكى سىياسىي تەسىرىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، يەكشەنبە كۈنى خەلقئارالىق بىر تەشكىلات قۇرۇپ چىقتى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ تەيبېيدىن خەۋەر قىلىشىچە، تىنچ ئوكيان دېموكراتىك ئىتتىپاقى دەپ ئاتالغان مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ تەسىس قىلىنىش مۇراسىمىغا ئامېرىكا قاتارلىق 24 دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، تەيبېيدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمغا قاتناشقان مېھمانلار ئارىسىدا گۋاتىمالانىڭ پرېزىدېنتى ئوسكار بەرگەر پەردامۇ ۋە كوستارىكانىڭ پرېزىدېنتى ئابال پاچىكومۇ بار ئىكەن.

تەيۋەن پرېزىدېنتى چىن شۈيبيەن مۇراسىمدا سۆز قىلىپ، يېڭى قۇرۇلغان تىنچ ئوكيان دېموكراتىك ئىتتىپاقىنىڭ ئەزالىرىنى ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە ئۈچۈن يېڭى بىر دەۋر ئېچىشقا، دېموكراتىك ئىسلاھات بېرىش ۋە ھەربىي تاجاۋۇزچىلىقىنى توختىتىشى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، تەيۋەن ھۆكۈمىتى تەيۋەننىڭ تەشەببۇسى بىلەن قۇرۇلغان تىنچ ئوكيان دېموكراتىك ئىتتىپاقىنىڭ، تەيۋەننىڭ خەلقئارا تەشكىلاتلارغا قېتىلىش ھەرىكىتىگە ياردەم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.