چېن شۈيبيەن تەيۋەننىڭ ئاساسىي گەۋدە ئېڭىدە چىڭ تۇرۇشنى تەكىتلىدى


2006.01.01

گەرچە خىتاينىڭ ۋە تەيۋەندىكى قارشى كۈچلەرنىڭ بېسىمى بارغانسېرى كۈچەيسىمۇ، لېكىن تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۈيبيەن يەكشەنبە كۈنى يەنىلا تەيۋەننىڭ ئاساسىي گەۋدە ئېڭىدە چىڭ تۇرۇشنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، چېن شۈيبيەن يېڭى يىل مۇناسىۋىتى بىلەن قىلغان نۇتىقىدا بۇ سۆزلەرنى قىلغان بولۇپ، ئۇ يەنە، كېلەر يىلى تەيۋەندە يېڭى ئاساسىي قانۇن ئومۇمىي سايلىمىنى ئۆتكۈزۈش ئېھتىماللىقىنىمۇ يوق دېگىلى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ سۆزىدە يەنە، تەيۋەننى "جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى" گە تەۋە ئەمەس دەپ جاكارلىدى. چېن شۈيبيەن ئۆزىنىڭ داۋاملىق سىياسىي ئىسلاھاتنى قوغلىشىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، تەيۋەننىڭ دۆلەت مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىشكە چاقىردى.

ئۇ يېڭى يىل مۇناسىۋىتى بىلەن قىلغان نۇتىقىدا يەنە، "تەيۋەننىڭ كەلگۈسىنى پەقەت 23 مىليون تەيۋەن خەلقىلا بېكىتەلەيدۇ" دېدى. چېن شۈيبيەن ۋە تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى ياقلايدىغان دېموكراتىيە ئىلغارلىق پارتىيىسىنىڭ ھاكىمىيەت سۈرگىنىگە 5 يىل بولدى. شۇندىن بۇيان تەيۋەن بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتى تېخىمۇ ناچارلىدى. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.