تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۈيبيەن دۆلەت بىرلىكى مەجلىسىنى بىكار قىلىش نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، خىتايدىكى تەيۋەن ئىشخانىسى چېن شۈيبيەننى " ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىگە ئاۋارىچىلىق تۇغدۇرغۇچى" دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى. بۇنىڭغا تەيۋەن چوڭ قۇرۇقلۇق كومىتېتى دەرھال قارشى چىقىپ، خىتاينىڭ ئەسلى ھەقىقىي ئاۋارىچىلىق تۇغدۇرغۇچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
خىتايدىكى تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى لې ۋېييى، چېن شۈيبيەننىڭ بۇ نەزەرىيىسىنىڭ تەيۋەن مۇستەقىللىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش تىرىشچانلىقى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، " تەيۋەن رەھبىرىنىڭ بۇ ئىپادىلىرى، ئۇنىڭ ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتى ۋە ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تىنچ مۇستەقىللىقىغا ئاۋارىچىلىق تۇغدۇرغۇچى ۋە زىيانكەشلىك قىلغۇچى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ" دېدى.
تەيۋەن چوڭ قۇرۇقلۇق كومىتېتى دەرھال خىتاينىڭ باياناتىغا قارشى ئىنكاس قايتۇردى. كومىتېت رەئىسى ۋۇ جاۋشيې "رايوننىڭ مۇقىملىقى ۋە تىنچلىقىغا ھەقىقىي ئاۋارىچىلىق تۇغدۇرىۋاتقان خىتاينىڭ ئۆزى. چۈنكى خىتاي توختىماي دېپلوماتىك يول بىلەن تەيۋەننى بېسىپ، قورال كۈچى بىلەن تەيۋەنگە تەھدىت سېلىۋاتىدۇ" دەپ كۆرسەتتى.
ۋۇ سۆزىدە يەنە، تەيۋەن خەلقىنىڭ خىتاينىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى توغرا تونۇپ يېتىشىنى ئەسكەرتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى "ئاغزىدا بىر خىل، ئەمەلىيەتتە باشقىچە ھەرىكەت قىلىدۇ" دەپ ئەيىبلىدى. تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۈيبيەن بۇ يىل باھار بايرىمى مەزگىلىدە دۆلەت بىرلىكى مەجلىسى ۋە دۆلەت بىرلىكى پرىنسىپىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. بۇ نەزەرىيىنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىمۇ قارشى ئالمىدى ھەمدە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئادام ئىرەلى " بىز ھەر ئىككىلا تەرەپنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىدىغان بىر تەرەپلىمە ھەرىكىتىگە قارشى تۇرىمىز" دېدى.(پەرىدە)