خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۈيبيەننىڭ دۆلەت بىرلىكى كومىتېتىنى بىكار قىلىش قارارىنى ئەيىبلىگەندىن كېيىن، تەيۋەننىڭ چوڭ قۇرۇقلۇق ئىشلىرى كومىتېتى چارشەنبە كۈنى بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، تەيۋەن بىلەن خىتاينىڭ ئەزەلدىن بىر-بىرىگە قاراشلىق ئەمەسلىكىنى، شۇنداقلا تەيۋەننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە بىر مۇستەقىل دۆلەت ئىكەنلىكى تەيۋەننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
تەيۋەندىكى چوڭ قۇرۇقلۇق ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋۇ جاۋشيوڭ، تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۈيبيەننىڭ دەل تەيۋەننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلىۋاتقانلىقىنى، خۇ جىنتاۋ ۋە باشقا خىتاي باشلىقلىرىنىڭ ئىنكاسى ئۇلارنىڭ تەيۋەننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى چۈشەنمەيدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ سۆزىدە يەنە، " تەيۋەننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ئەزەلدىن 23 مىليون تەيۋەن پۇقراسىغا تەۋە. پەقەت تەيۋەن خەلقىنىڭلا تەيۋەننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىگە قارار بېرىش ھوقۇقى بار" دېدى. ئۇ يەنە، تەيۋەندە ھەر قانداق ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىش ئۈچۈن يەنىلا ئالدى بىلەن تەيۋەن خەلقىنىڭ مۇراجىتىگە قۇلاق سېلىش كېرەكلىكىنى ئېيتىپ، " خىتاينىڭ ئۆز ئالدىغا تەيۋەننى خىتاينىڭ بىر قىسمى دىيىشى، تەيۋەننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىگە خىلاپ بىر ھەرىكەت" دەپ كۆرسەتتى.
چېن شۈيبيەننىڭ دۆلەت بىرلىكى كومىتېتىنى بىكار قىلىش قارارى ئامېرىكىنىڭمۇ قارشى ئېلىشىغا ئۇچرىمىغان ئىدى. ئەمما ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل دېرىكتورى كېننېس لىبېرسال (Kenneth Lieberthal) چارشەنبە كۈنى بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرۇپ تەيۋەنگە تەھدىت ئىشلىتىشتىن ساقلىنىشى كېرەكلىكىنى، چۈنكى تەھدىتنىڭ چېن شۈيبيەننىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تەيۋەننىڭ چوڭ قۇرۇقلۇق ئىشلىرى كومىتېتى رەئىسى ۋۇ جاۋشيوڭ سۆزىدە يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنى سىياسىي ئەركىنلىكنى تېخىمۇ قويۇپ بېرىشكە چاقىرىپ، مۇشۇنداق بولغاندا ،خىتاينىڭ ئاندىن تەيۋەن مەسىلىسىدە توغرا قارار چىقىرالايدىغانلىقىنى ھەمدە بۇنىڭ ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىگە پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.(پەرىدە)