خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىدا تەيۋەن مۇستەقىللىقى ئاگاھلاندۇرۇلدى


2006.03.05

خىتاينىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىنىڭ يەكشەنبە كۈنىدىكى ئېچىلىش مۇراسىمىدا، خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ تەيۋەننىڭ خىتاي بىلەن بولغان بىرلىك خىزمىتىنى كۈچەيتىشنى ۋە يېزىلاردىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە، تەيۋەننىڭ خىتاي بىلەن بىرلىشىشىگە توسقۇنلۇق قىلىدىغان ھەر قانداق ھەرىكەتنىڭ مەغلۇب بولىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى تەيۋەننىڭ تىنچ يولدا بىرلىشىشىنى خالايدىغانلىقىنى تەكىتلىسىمۇ، لېكىن يېقىندىلا خىتاينىڭ بۇ يىللىق ھەربىي خىراجىتىنى يەنە 15% ئاشۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. ئۆتكەن ھەپتە تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۈيبيەننىڭ دۆلەت بىرلىكى كومىتېتىنى بىكار قىلىش قارارىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرىۋەتتى.

ۋېن جياباۋ يىغىندا يەنە، يېزىلارغا قارىتىلغان مائارىپ مەبلىغى، داۋالىنىش ۋە ئاساسىي ئەسلىھە قۇرۇلۇش ساھەلىرىگە ئاجرىتىدىغان مەبلەغنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ پىلاننىڭ ئاساسلىق مەقسىتى بايلار بىلەن كەمبەغەللەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى كىچىكلىتىش. خىتايدا ئۆتكەن يىلدىلا نەچچە مىڭ قېتىم دېھقانلارنىڭ نارازىلىق نامايىشلىرى كۆتۈرۈلگەن ئىدى. نۆۋەتتە بۇ ئەھۋال خىتاينىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان مۇھىم بىر ئامىل بولۇپ قالدى.

ۋېن جياباۋ يىغىندا يەنە چىرىكلىك مەسىلىسىنىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئارىسىدىكى چىرىكلىكنى تەلتۆكۈس يوقۇتۇش ئىرادىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.