خىتاي سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ مەملىكەتلىك يىغىنى تەيۋەن ھۆكۈمىتىنى ئاگاھلاندۇردى

خىتاي سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ مەملىكەتلىك يىغىنى ئىككى ھەپتىلىك خىزمىتىنى خۇلاسىلىغاندىن كېيىن دۈشەنبە كۈنى يېپىلغانلىقىنى جاكارلىدى. يىغىننىڭ ئاخىرقى كۈنى ۋەكىللەر قارار ماقۇللاپ، تەيۋەن دائىرىلىرىگە ھۇجۇم قىلدى ۋە تەيۋەننى ئاگاھلاندۇردى.

سىياسىي كېڭەش يىغىنى قارارىدا، "يېقىنقى يىللاردىن بېرى تەيۋەن دائىرىلىرىنىڭ رەھبەرلىرى 'تەيۋەن مۇستەقىللىقى' نى تەشەببۇس قىلىدىغان بۆلگۈنچى ھەرىكەتلەرنىڭ قەدىمىنى تېزلىتىپ، ئاتالمىش 'ئاساسىي قانۇننى' ئۆزگەرتىش يولى بىلەن 'تەيۋەننى قانۇنى جەھەتتىن' مۇستەقىل قىلىش نىشانىغا يەتمەكچى بولىۋاتىدۇ" دەپ كۆرسەتتى.

قارارنامىدا چېن شۈيبيەن ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندا يولغا قويغان "دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش پروگراممىسى" دىن ۋاز كەچكەنلىكىنى تەيۋەن مۇستەقىللىقى يولىدىكى خەتەرلىك قەدەم، دەپ ئاتىغان. قارارنامىدا تەيۋەن ھۆكۈمىتى "دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش كومىتېتى ۋە پروگراممىسىنى مەجبۇرىي توختىتىپ، 4' نى رەت قىلىش، بىرگە يول قويماسلىق' توغرىسىدا بەرگەن ۋەدىسىنى ئىنكار قىلىش بىلەن خەتەرلىك بىر قەدەم ئاتتى " دەيدۇ. قارارنامىدا، " بىز بۇنىڭغا قاتتىق غەزەپلەنگەنلىكىمىز ۋە جىددىي دىققەت قىلىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز " دەپ كۆرسەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە تەيۋەنلىكلەرنى ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنى تىنچ ۋە مۇقىم يۈزلىنىشكە قاراپ ئىلگىرى سۈرۈشكە چاقىرغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى تەيۋەن مۇستەقىلىق جاكارلىسا قوراللىق ھۇجۇم قوزغايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرماقتا. خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىڭتاۋ شەنبە كۈنى يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئوفىتسىرلارنى قوبۇل قىلىپ،" ئالدىمىزدىكى 5 يىل ئارمىيىنى زامانىۋىيلاشتۇرۇش يولىدىكى مۇھىم دەۋر بولۇپ قالىدۇ، دەپ تەكىتلىگەن.(ئەركىن)