بېيجىڭ ھۆكۈمىتى دۆلەتنى بۆلۈشكەقارشى تۇرۇش قانۇنى چىقارغانلىقىنىڭ بىر يىللىقى ۋە خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋنىڭ سەيشەنبە كۈنى تەيۋەن رەھبەرلىرىنى تەنقىد قىلغانلىقىغا قارىتا تەيۋەن ھۆكۈمىتى شۇ كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، بېيجىڭ دائىرىلىرىنى " غايىۋىي بىر جۇڭگو پرىنسىپى" دىن ۋاز كېچىشكە چاقىردى.
تەيۋەن چوڭ قۇرۇقلۇق كومىتېتىنىڭ باشلىقى ۋۇ جاۋخۇەن ۋېن جياباۋنىڭ تەنقىدىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، بېيجىڭنىڭ بىر جۇڭگو پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇۋېلىشى ئەمىلىيەتتە تەيۋەن بوغىزىنىڭ ھازىرقى ھالىتىگە قارىتىلغان ئەڭ چوڭ بۇزغۇنچىلىق، دېدى. ئۇ، جۇڭگونىڭ تەيۋەنگە قورال ئىشلىتىشتىن ۋاز كېچىشنى رەت قىلىشى شەرقىي ئاسىيا رايونىدىكى قالايمىقانچىلىقنىڭ ئەڭ چوڭ مەنبەسى بولۇپ قالماقتا، دەيدۇ. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن جۇڭخۇا مىنگو بىر- بىرىگە تەۋە بولمىغان ئىككى سىياسى گەۋدە. بۇ تەيۋەن بوغىزىنىڭ ئۇزۇندىن بېرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ھالىتى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قانداق بىر دۆلەتنىڭ بۇ رىئاللىقنى ئۆزگەرتىش ھوقۇقى يوق ئىكەن.
خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ سەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى چاقىرىپ،تەيۋەن رەھبەرلىرىنى ئىككى قىرغاق ئارىسىدا ئاۋارىچىلىق تۇغدۇرماقتا، دەپ ئەيىبلىدى. ۋېن جياباۋنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇلار ئىككى قىرغاق خەلقىنىڭ قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈپ تاشلىماقچى ئىكەن. (ئەركىن)