خەلقئارادىكى بىر قىسىم ئورگانلار تەيۋەن دۇچ كېلىۋاتقان نۆۋەتتىكى سىياسىي قالايمىقانچىلىقنىڭ تەيۋەن ئىقتىسادىغا زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىنلىگىنى ئاگاھلاندۇردى.
خەلقئارالىق ئامانەت -قەرز باھالاش ئورگىنى بولغان "ئۆلچەملىك پول" شىركىتىنىڭ تەيۋەندىكى ئىشخانىسى، " ئەگەر تەيۋەننىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي پاراللىش ۋەزىيىتى داۋاملاشسا، ئۇ چاغدا بىز تەيۋەننىڭ ئامانەت-قەرز دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىشىمىز مۇمكىن" دېگەن.
تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۈيبيەننىڭ ئايالى ۋە كۈيئوغلىغا چېتىلغان خىيانەتچىلىك ۋەقەسى تەيۋەندىكى ئۆكتىچى پارتىيىلەرنىڭ چېن شۈيبيەننى تەختتىن چۈشۈشكە زورلاش ھەرىكىتىگە تۈرتكە بولدى. تەيۋەندىكى 2 ئۆكتىچى پارتىيە بولغان خەلقپەرۋەر پارتىيىسى بىلەن گومىنداڭ پارتىيىسى بىرلىشىپ، چېن شۈيبيەندىن تەختتىن چۈشۈشنى تەلەپ قىلدى ھەمدە شەنبە كۈنى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن چوڭ كۆلەمدە نامايىش ئۆتكۈزدى.
تەيۋەن پارلامېنتىدىكى 221 ئورۇننىڭ 112 ئىسىنى ئۆكتىچى پارتىيىدىكىلەر ئىگىلىگەن. ئۆكتىچىلەرنىڭ چېن شۈيبيەننى تەختتىن چۈشۈرۈش لايىھىسى پارلامېنتنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈش ئۈچۈن، بۇ چوقۇم پارلامېنتتىكى 3/2 قىسىم ئەزانىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈش كېرەك. (پەرىدە)