يەكشەنبە كۈنى تەيۋەندىكى 2 ئۆكتىچى پارتىيە بولغان خەلقپەرۋەر پارتىيىسى بىلەن گومىنداڭ پارتىيىسى بىرلىشىپ چوڭ كۆلەمدە نامايىش ئۆتكۈزدى ھەمدە چېن شۈيبيەننىڭ تەختتىن چۈشىشىنى تەلەپ قىلدى.
نامايىشقا قاتناشقۇچىلارنىڭ سانى 15 مىڭغا يەتكەن بولۇپ،گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ رەئىسى ما يىڭجيۇ بۇ نامايىشتا، "چېن شۈيبيەننىڭ ھوقۇقىنى خەلق بەرگەن. چېن شۈيبيەن ھۆكۈمىتى ئىقتىدارسىز ۋە پارىخور بولغانلىقى ئۈچۈن خەلقنىڭ ئىشەنچىسى ۋە ھۆرمىتىدىن چۈشۈپ قالدى" دەپ نۇتۇق سۆزلىگەن.
تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۈيبيەننىڭ ئايالى ۋە كۈيئوغلىغا چېتىلغان خىيانەتچىلىك ۋەقەسى تەيۋەندىكى ئۆكتىچى پارتىيىلەرنىڭ چېن شۈيبيەننى تەختتىن چۈشۈشكە زورلاش ھەرىكىتىگە تۈرتكە بولغان بولۇپ، ئۇلار ھەتتا چېن شۈيبيەننى تەختتىن چۈشۈرۈش مەسىلىسىدىكى لايىھىسىنى تەيۋەن پارلامېنتىنىڭ تەستىقلىشىغا سۇنغان. تەيۋەن پارلامېنتى 27- ئىيون كۈنى بۇ لايىھىگە بېلەت تاشلىماقچى.
تەيۋەن پارلامېنتىدىكى 221 ئورۇننىڭ 112 ئىسىنى ئۆكتىچى پارتىيىدىكىلەر ئىگىلىگەن. مەزكۇر لايىھىنىڭ ماقۇللىنىشى ئۈچۈن، بۇنىڭغا چوقۇم پارلامېنتتىكى ئاز دېگەندە 3/2 قىسىم ئەزا ماقۇللۇق بېلىتى تاشلىشى كېرەك ئىكەن. (پەرىدە)