چىن شۈيبيەن، ئەيۋەن خىتاينىڭ ھۇجۇملىرىغا تاقبىل تۇرۇش كۈچىگە ئىگە، دېدى

تەيۋەن پرېزىدېنتى چىن شۈيبيەن سەيشەنبە كۈنى رويتېرىس ئاگېنتلىقى ۋە جەنۇبىي تىنچ ئوكيان ئارىلى ژورنىلىنىڭ مۇخبىرلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتى جەريانىدا، خىتاينىڭ 2010‏- يىلىغىچە تەيۋەننى ئىشغال قىلىش ئۈچۈن كەڭ كۆلەملىك بىر ھۇجۇم باشلاش قابىلىيىتىگە ئېرىشىدىغانلىقىنى، ئەمما تەيۋەننىڭ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتىگە تاقابىل تۇرالايدىغان ھەربىي كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

چىن شۈيبيەن، تەيۋەن بىلەن ھېلىمۇ دىپلوماتىيە مۇناسىۋەتلىرىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان تىنچ ئوكياندىكى بىر قاتار دۆلەتلەرنى زىيارەت قىلىپ، مەزكۇر دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىلىرىدىن كېيىن مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا "خىتاي ھېچقاچان تەيۋەننى ئىشغال قىلىش نىيىتىدىن، تەيۋەنگە قارشى ھەربىي كۈچ ئىشلىتىشتىن ۋاز كەچمەيدۇ. لېكىن خىتاينىڭ ئالدىراپ تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلماسلىقى مۇمكىن. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى تەيۋەننىڭ ئامېرىكىنىڭ ياردىمىسىزمۇ، خىتايغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن تەييار ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، دېگەن.

چىن شۈيبيەن، خىتاي ھۆكۈمىتى تەيۋەننى بىر دۆلەت سۈپىتىدە ئېتراپ قىلمىغىچە، خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچراشمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، " خىتاي ھۆكۈمىتى، تەيۋەننىڭ بىر دۆلەت سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېتراپ قىلىشى كېرەك. تەيۋەننىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكى بىر رېئاللىق" دېدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەننى خەلقئارا سەھنىدە يالغۇز قالدۇرۇش تەشەببۇسلىرىنى ئەيىبلىگەن پرېزىدېنت چىن شۈيبيەن خىتاي ھۆكۈمىتىنى، تەيۋەن بىلەن دىپلوماتىيە مۇناسىۋىتى بار دۆلەتلەرنى قوغا كەلتۈرۈش ھەمدە تەيۋەننىڭ ب د ت شۇنداقلا باشقا خەلقئارا تەشكىلاتلارغا ئەزا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى. (قانات)