تەيۋەن دائىرىلىرى جۈمە كۈنى خىتاي دۆلەت كابىنتى تەيۋەن ئىشلار ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى چېن يۈنلىننىڭ تەيۋەننى زىيارەت قىلىش ئىلتىماسىنى رەت قىلدى. بۇنىڭدىن بىر كۈن بۇرۇن بېيجىڭ دائىرىلىرى چېن يۈنلىننىڭ تەيۋەننى زىيارەت قىلىش پىلانى بىكار قىلغانلىقىنى جاكارلىغان.
چېن يۈنلىن، تەيۋەن گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ تەكلىپى بويىچە بۇ يىل ئۆكتەبىردە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىككى قىرغاق يېزا ئىگىلىك يىغىنىغا قاتناشماقچى ئىدى. ئەگەر بۇ ئەمەلگە ئاشقان بولسا، چېن يۈنلىن ھازىرغىچە خىتاينىڭ تەيۋەننى زىيارەت قىلغان ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى بولۇپ قالاتتى.
شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقى پەيشەنبە كۈنى گومىنداڭ دائىرىلىرىنىڭ چېن يۈنلىننىڭ تەيۋەنگە تەكلىپ قىلىش پىلانىدىن ۋاز كەچكەنلىكىنى ۋە يېزا ئىگىلىك يىغىنىنىڭ خىتايدا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. چېن يۈنلىننىڭ ئىلتىماسى رەت قىلىنىش بىلەن بىرگە تەيۋەن چوڭ قۇرۇقلۇق كومىتېتى بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ تەيۋەن بىلەن مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش نىيىتى يوق، دەپ ئەيىبلىگەن. (ئەركىن)