تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۈيبيەن يەكشەنبە كۈنى ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىشنى رەت قىلىپ، تەيۋەن تەپتىش دائىرىلىرىنىڭ ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئايالى ھەققىدىكى ئەيىبلىشى نى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تەپتىش دائىرىلىرى چېن شۈيبيەن ۋە ئۇنىڭ ئايالى ۋۇ شۇجېننى تەيۋەن دىپلوماتىيە ئالاھىدە فوندىنىڭ پۇلىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش بىلەن ئەيىبلىمەكتە. چېن شۈيبيەن، يەكشەنبە كۈنى تېلېۋىزىيە نۇتۇقى ئېلان قىلىپ، تەپتىش دائىرىلىرىنىڭ سۇئال - سورىقى ۋە تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، "مېنىڭ يوشۇرۇدىغان ھىچ نەرسەم يوق،" دەيدۇ. چېن شۈيبيەن، ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىش چاقىرىغىنى رەت قىلىپ، "ئەگەر سوتچى مېنىڭ خىيانەتچىلىككە چېتىلىپ قالغانلىقىمنى قارار قىلسا، ئىستىپا بېرىشكە تەييارمەن، دەپ كۆرسەتتى.
تەيۋەن تەپتىش دائىرىلىرى جۈمە كۈنى چېن شۈيبيەننىڭ خانىمى ۋۇ شۈيجېننى ئومۇمنىڭ پۇلىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش، يالغان ھۆججەت ياساش، يالغان گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈش بىلەن ئەيىبلىگەندىن كېيىن، تەيۋەن پارلامېنتىدىكى ئۆكتىچى پارتىيىلەر چېن شۈيبيەننى ئاغدۇرۇش ھەرىكىتىنى كۈچەيتتى. ئۇنى ئاغدۇرۇش نىيىتىدىكى پارتىيىلەر بۇنى بىر پۇرسەت، دەپ قارىماقتا.
ۋۇ شۈيجېن 2002 - يىلدىن 2005 - يىلغىچە تەيۋەن دىپلوماتىيە ئالاھىدە فوندىنىڭ 450 مىڭ دوللار پۇلىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن. تەپتىش دائىرلىرى چېن شۈيبيەننىڭ بۇ سەتچىلىككە چېتىلىپ قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ۋەزىپىدە ئولتۇرغان ۋاقىت ئىچىدە كەچۈرۈم قىلىنىش ھوقۇقى بار. لېكىن چېن شۈيبيەن، تەپتىش دائىرىلىرىگە دىپلوماتىيە ئالاھىدە فوندىنىڭ ئىشلىتىش يولىنى چۈشەندۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (ئەركىن)