تەيۋەندە ھەر قايسى پارتىيىلەرنىڭ مۈلكىنى ئېنىقلاش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان

مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ 22 ‏- نويابىر كۈنى تەيبېيدىن خەۋەر قىلىشىچە، تەيۋەننىڭ مەمۇرىي پالاتاسى مىنجىنداڭ پارتىيىسى ئوتتۇرىغا قويغان 'ھەر قايسى پارىتيىلەرنىڭ مۈلكىنى ئېنىقلاش' تەشەببۇسىنى كۆزدىن كۈچۈرگەندىن كېيىن، بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن، دەپ ھېسابلىغان. شۇنداقلا ئىككىنچى قەدەمدە، 12 ‏- ئاينىڭ 1 ‏- كۈنىدىن باشلاپ بۇ تەشەببۇسنى يولغا قويۇشنى، ئالدىنقى يېرىم يىل ئىچىدە مىليۇنلىغان ئادەمنىڭ پىكىرىنى ئېلىشنى تاماملاش لازم دەپ بەلگىلەنگەن. (ۋەلى)