ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇيىل 11 - ئايدا تەيۋەن سىياسى ئۇنىۋېرسىتېتى، ياپونىيىنىڭ ئوكىناۋا ئۇنىۋىرسىتېتى ۋە خوڭكوڭ ئۇنىۋېرىسىتېتى بىرلىكتە ئېلىپ بارغان راي سىناشتا 'تەيۋەن مۇستەقىل بولۇشى كېرەك' دەپ قارايدىغان تەيۋەن پۇقرالىرىنىڭ نېسبىتى بۇلتۇرقى 59% تىن 62% كە ئۆرلىگەن. راي سىناشتا مەلۇم بولۇشىچە يەنە، تەيۋەندە ئۆزىنى 'تەيۋەنلىك' دەپ ئاتايدىغان ئادەم نېسبىتى 60.1% نى، ئۆزىنى 'جۇڭگولۇق' دەپ ئاتايدىغان ئادەم نېسبىتى 4.8% نى، 'تەيۋەنلىك دېسىمۇ، جۇڭگولۇق دېسىمۇ بولىۋىرىدۇ' دەيدىغان ئادەم نېسبىتى 33.4% نى تەشكىل قىلغان.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، كۆزەتكۈچىلەر ھازىر تەيۋەندە مۇستەقىللىق خاھىشى يىلدىن -يىلغا يۇقىرى ئۆرلەۋاتىدۇ، دەپ قارىماقتا. (ۋەلى)