تەيۋەن ئەمەلدارلىرى ئامېرىكىدا خىتاي مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى
2007.02.10
ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىۋاتقان تەيۋەن چوڭ قۇرۇقلۇق مەسىلىلىرى كېڭىشىنىڭ رەئىسى، جوزىف ۋۇ، پەيشەنبە كۈنى ۋاشىنگتوندا بەرگەن باياناتىدا، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى تەيۋەننىڭ خىتاي بىلەن بىرلىشىشىنى خالىسا، تەيۋەن خەلقىنىڭ كۆڭلىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، خىتايدا دېموكراتىك ئىسلاھاتنى تېزلىتىشى كېرەك، دېدى.
باياناتىدا، تەيۋەن ھۆكۈمىتىنىڭ، خىتاي بىلەن بىرلىشىش ياكى مۇستەقىللىق مەسىلىسىدە تەيۋەن خەلقىنىڭ ئارزوسىغا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋۇ، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دېموكراتىيىگە قارشى ھەرىكەتلىرى خىتاي بىلەن بىرلىشىشنى تەيۋەن خەلقى خالىمايدىغان بىر مەسىلىگە ئايلاندۇرماقتا دېدى.
ۋۇ سۆزىدە، خىتاي خەلقىنىڭ، مەتبۇئات ئەركىنلىك، دىنىي ۋە سىياسىي ئەركىنلىك قاتارلىق ئەركىنلىكلەردىن بەھرىمەن بولالمايۋاتقانلىقى، خوڭ كوڭدىكى دېموكراتىيىنىڭ، بۇ جاينىڭ بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ھاكىمىيىتىگە ئۆتكەندىن كېيىن، باستۇرۇلغانلىقى ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا سەھنىدە تەيۋەنگە قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان تەيۋەننى يېتىم قالدۇرۇش سىياستى، تەيۋەن خەلقىنى خىتاي بىلەن بىرلىشىش خاھىشىدىن كۈنسېرى تېخىمۇ كۈپ يىراقلاشتۇرۇپ، ئۇلارنى تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىق يولنى تاللاشقا ئۆندەۋاتىدۇ، دېدى.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، تەيۋەندە مۇستەقىللىق مەسىلىسىدە ئېلىپ بېرىلغان راي سىناشلارنىڭ نەتىجىلىرى تەيۋەن خەلقىنىڭ مۇستەقىللىق يولىنى تاللىغانلىقىنىڭ جانلىق ئىسپاتى ھېسابلىنىدىكەن. (قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ھۆكۈمىتى چىن شۈيبيەننىڭ ئامېرىكىدا توختاپ ئۆتىدىغانلىقىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى
- خىتاي ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال سېتىش سىياسىتىگە قاتتىق نارازى
- ئامېرىكا تەيۋەن مۇستەقىللىقىنى قوللىمايمىز، دېدى
- چېن شۈيبيەننىڭ ئامېرىكىغا كىرىشى ئالياسكا بىلەن چەكلەندى
- تەيۋەن ئامېرىكىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا ئۇچرىدى