ئامېرىكا تەيۋەننىڭ نام ئۆزگەرتىش ھەرىكتىنى قوللىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى


2007.02.11

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ شەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىدە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ، تەيۋەننىڭ ئۈچ چوڭ شىركەت نامىنى ئۆزگەرتىش ھەرىكتىنى قوللىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، نام ئۆزگەرتىش مەسىلىسى، خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقى ۋە تەيۋەن ھەر ئىككى تەرەپ ئۈچۈن ئىنتايىن نازۇك بىر مەسىلە ھېسابلىنىدىكەن. تەيۋەن دائىرىلىرى يېقىندا تەيۋەندىكى ئۈچ چوڭ شىركەت، يەنى"جوڭگۇ نېفىت شىركىتى" " جوڭگۇ كېمىسازلىق شىركىتى" ۋە "جۇڭخۇا پوچتىسى" قاتارلىق شىركەتلەرنى "تەيۋەن نېفىت شىركىتى"، "تەيۋەن كېمىسازلىق شىركىتى" شۇنىڭدەك "تەيۋەن پوچتىسى" دەپ ئۆزگەرتىپ قوللىنىشقا باشلىغان. بۇ "جوڭگۇ نېفىت شىركىتى" ھەمدە "جوڭخۇا پوچتىسى" نىڭ ۋە خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ قاتتىق نارازلىقىنى مەيدانغا كەلتۈردى.

ئامېرىكا تەرەپ، تەيۋەننىڭ شىركەت ناملىرىنى ئۆزگەرتىشىگە قارىتا پاسسىپ پوزىتسىيە بىلدۈرگەندىن كېيىن، تەيۋەن دائىرىلىرى "بۇ تەيۋەننىڭ ئىچكى مەسىلىسى، ئامېرىكا بۇنىڭغا ئارلاشماسلىقى كېرەك، نام ئۆزگەرتىشنىڭ تەيۋەن مۈستەققىللىقى بىلەن قىلچە ئالاقىسى يوق، شىركەت ناملىرىنى ئۆزگەرتىش، پەقەت چەتئەلەئىكلەرنىڭ مەزكۈر شىركەتلەرنى خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇق شركەتلىرىدىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈنلا ئېلىپ بېرىلغان" دەپ تەكىتلىدى.

بىراق تەيۋەندىكى بەزى پارتىيىلەر، بۇ ھەركەتنىڭ ئارقىسىدا چېن شۈبيەننىڭ رول ئويناۋاتقانلىقىنى، ۋە بۇنىڭ تەيۋەننىڭ ۋەزىيىتىنى جىددىلەشتۈرۋىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.