چىن شۈيبيەن دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئىككى چوڭ شىركەتنىڭ ئىسمىدىكى "خىتاي" سۆزىنى "تەيۋەن" دەپ ئۆگەرتىۋەتتى


2007-02-12
Share

تەيۋەن پرېزىدېنتى چىن شۈيبيەن دۈشەنبە كۈن بەزى ئىشچىلارنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىگە قارىماي دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئىككى چوڭ شىركەتنىڭ ئىسمىدىكى "خىتاي" سۆزىنى "تەيۋەن" دەپ ئۆگەرتىۋەتتى.

چىن شۈيبيەن تەيۋەن دۆلەتلىك پوچتا ئىدارىسىنىڭ ئىسمىنى، جۇڭخۇئا پوچتا ئىدارىسىدىن تەيۋەن پوچتا ئىدارىسى دەپ ئۆزگەرتكەندىن كېيىن بەرگەن باياناتىدا، بۇ ھەرىكەت تەيۋەن پوچتا ئىدارىسىنىڭ تارىخىدا يۈز بەرگەن ئالاھىدە بىر ۋەقە بولۇپلا قالماي، تەيۋەن خەلقىنىڭ ھەقىقىي ئارزۇ ۋە ئارمانلىرىنى ئىپادىلەيدىغان مۇھىم بىر ۋەقە ھېسابلىنىدۇ، دېدى.

چىن شۈيبيەننىڭ نامىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەرىكىتىگە قارشى چىققان 1000 ئەتراپىدا ئىشچى ۋەكىللىرى تەيۋەن پوچتا ئىدارىسى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈپ، جۈمە كۈنى چىن شۈيبيەننىڭ ئىسىم ئۆزگەرتىش پىلانىنى قوبۇل قىلغان پوچتا ئىدارىسى مەسئۇللىرىنى تەنقىد قىلدى.

بۇ ھەرىكىتى توغرىسىدىكى تەنقىدلەرنى جاۋابلاندۇرغان تەيۋەن پرېزىدېنتى چىن شۈيبيەن، تەيۋەن بۇ دۆلەتتە ياشاۋاتقان 23 مىليون خەلقىنىڭ ئانا ۋەتىنى، لېكىن ئۆتمۈشتە بۇ ئارالدا ھاكىمىيەت يۈزگۈزگەنلەر، يەرلىك تەشكىلاتلارنىڭ ۋە گۇرۇپپىلارنىڭ تەيۋەن سۆزىنى ئىشلىتىشىنى چەكلىگەن، دەپ كۆرسەتتى.

چىن شۈيبيەن تەيۋەندە ھاكىمىيەت بىشىغا چىققاندىن بېرى، تەيۋەن كىملىكىنى يارىتىش ئۈچۈن، تەيۋەندىكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركەت ۋە كارخانىلارنىڭ ئىسىملىرىنى ئۆزگەرتىش ۋە خىتاي سۆزىنى ئىشلەتمەسلىكنى تەشەببۇس قىلماقتا. (قانات)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت