ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۈگۈن تەيۋەندە "يىگىرمە سەككىزىنچى فېۋرال ۋەقەسى" مۇزىيى ئېچىلغان. "يىگىرمە سەككىزىنچى فېۋرال ۋەقەسى" گە 60 يىل توشقان بۈگۈنكى كۈندە، تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۇيبيەن مەزكۇر مۇزېيىنىڭ ئېچىلغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن قىلغان سۆزىدە، "يىگىرمە سەككىزىنچى فېۋرال ۋەقەسى" ئۈچۈن ئەينى ۋاقىتتىكى خىتاي رەئىىسى جاڭ كەيشىنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش لازىملىقىنى تەكىتلىگەن.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ گومىنداڭ ئارمىيىسى 1947 - يىلى 2 - ئاينىڭ 28 - كۈنى تەيۋەندە، ئىشغالىيەتكە قارشىىلىق كۆرسەتكەن ئون مىڭلىغان تەيۋەنلىكنى قوراللىق قىرغان، تۈرمىگە ئالغان ۋە شۇنىڭدىن تارتىپ تەيۋەننى مۇستەبىت تۈزۈم ئاستىدا ئىدارە قىلىشقا باشلىغان. بۇ ۋەقەنى تەيۋەنلىكلەر "يىگىرمە سەككىزىنچى فېۋرال ۋەقەسى" دەپ ئاتايدۇ.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چېن شۇيبيەن بۈگۈن قىلغان سۆزىدە "بۇرۇن تەيۋەندە مۇستەبىت تۈزۈم يۈرگۈزگەن كىشىلەر ۋە گۇرۇھلارنىڭ كۆپىنچىسى سىرتتىن كەلگەنلەر. ئەگەر ھازىر تەيۋەن خەلقىنىڭ ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە ئارزۇيىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بۇرۇن خەلققە قىرغىنچىلىق قىلغان كىشىلەرنىڭ جىنايىتىنى سۈرۈشتۈرۈشى "بىر قىسىم كىشىلەرگە زىيانكەشلىك قىلغانلىق" دەپ قارالسا، بۇ ھەق بىلەن ناھەقنى ئاستىن -ئۈستۈن قىلغانلىق بولىدۇ" دېگەن. (ۋەلى)