جۈمە كۈنى تەيۋەن پرېزىدېنتى چىن شۈيبيەن، خىتاي رەھبەرلىرىنى، تەيۋەن مۇستەقىللىق يولىدا تېخىمۇ جىددىي قەدەملەر تاشلىشى مۇمكىن دەپ ئاگاھلاندۇرۇپ، بۇنىڭ سەۋەبچىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزى، دەپ كۆرسەتتى.
چىن شۈيبيەن گېرمانىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەن ئەتراپىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرۇشى ھەمدە تەيۋەنگە قارشى ناھايىتى قاتتىق ۋە دۈشمەنچە بىر يول تۇتۇشى، 23 مىليون تەيۋەن خەلقنى مۇستەقىللىق يولىغا قاراپ مېڭىشقا مەجبۇرلىماقتا. تەيۋەن خەلقى تەيۋەننى مۇستەقىل بىر دۆلەت دەپ قارايدۇ، دېگەن.
چىن شۈيبىيەننىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئارمىيىسىنى كۈنسېرى كۈچلەندۈرۈشى، تەيۋەننىڭ رەسمىي مەۋجۇتلىقىنى رەت قىلىشى شۇنداقلا تەيۋەن ھۆكۈمىتىنىڭ باشقا دۆلەتلەر بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىش ۋە ب د تىگە قايتىدىن ئەزا بولۇش يولىدىكى پائالىيەتلىرىگە توسقۇنلۇق قىلىشى، تەيۋەن خەلقىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئۆز مىللىي كىملىكىگە ئىگە چىقىشىغا سەۋەب بولماقتا .
سۆھبىتىدە، ئامېرىكا ۋە ياپونىيىگە، تەيۋەننىڭ ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىش قابىلىيىتىنى كۈچەيتىشىگە ياردەم قىلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن مىننەتدارلىق بىلدۈرگەن چىن شۈيبيەن، لېكىن تەيۋەن ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىش ئۈچۈن ئۆز كۈچىگە تايىنىشى كېرەك دەپ، تەكىتلىگەن.
چىن شۈيبيەن، تەيۋەننىڭ خىتاي بىلەن بىر ھەربىي رىقابەتكە كىرىش خىيالى يوق ئىكەنلىكنى، ئەمما تەيۋەن ئۆزىنىڭ مىللىي مۇداپىئە كۈچىنى ئاشۇرۇشقا تىرىشىشى كېرەكلىكى بىلدۈردى. ئۇ، سۆزىدە بىر دۆلەت ئۈچۈن ئەڭ كۈچلۈك مۇداپىئە ۋاسىتىسىنىڭ قورال ئەمەس، دېموكراتىيە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
بۇ ئارىدا، ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى، خىتاينى زىيارەت قىلىۋاتقان ئامېرىكا ياردەمچى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جان نېگروپونتىگە، خىتاينىڭ ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سېتىش پىلانىغا قارىتا نارازىلىقىنى تەكىتلەپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن تەيۋەنگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سېتىش تەكلىپىنى رەت قىلىشىنى تەلەپ قىلغان. (قانات)