تەيۋەن پرېزىدېنتى چىن شۈيبيەن، يەكشەنبە كۈنى تەيبىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر مۇراسىمدا قىلغان سۆزىدە، تەيۋەن خىتاينىڭ ئىگىدارچىلىقى سىرتىدا بىر دۆلەت دەپ تەكىتلەپ، تەيۋەن مۇستەقىل بىر دۆلەت بولۇشى كېرەك، دېدى. بۇ ، تەيۋەن پرېزىدېنتىنىڭ تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقى ھەققىدە ئەڭ كۈچلۈك ئىپادە بىلدۈرۈشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
سىياسىي مۇلاھىزىچىلەر، تەيۋەن پرېزىدېنتىنىڭ، خىتاي ھۆكۈمىتى 2007- يىللىق ھەربىي خامچوتىنى 18 پىرسەنت كۆپەيتكەنلىكىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن مۇستەقىللىق ھەققىدە بۇنداق بايانات بەرگەنلىكىگە دىققەت تارتماقتا. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، چىن شۈيبيەننىڭ تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقى ھەققىدىكى سۆزلىرى خىتاينىڭ ھەربىي خامچوتىنى كۆپەيتكەنلىكىگە قايتۇرغان ئىنىكاسى بولۇشى مۇمكىن.
خىتاينىڭ 2007-يىللىق ھەربىي خامچوتىنى 18% پىرسەنت كۆپەيتكەنلىكىنى جاكارلىغان خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى جيا ئەنجۇ، تەيۋەن پرېزىدېنتى قاتتىق تەنقىد قىلىپ، ئۇنى تەيۋەننىڭ رەسىمى مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلىش ئۈچۈن تەيۋەندىكى سىياسىي بۆلۈنۈشلەردىن پايدىلىنۋاتىدۇ دەپ، ئەيىبلىگەن.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چىن شۈيبيەن تەيۋەن مۇستەقىللىقى ھەققىدە كۈچلۈك ئىپادە بىلدۈرۈش ئارقىلىق، تەيۋەندە بۇ يىل دېكابىر ئېيىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان پارلامېنت سايلىمى ھارپىسىدا، تەيۋەن دېموكراتىيە ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ قوللۇغۇچىلىرىنىڭ مىللىي ھېسسىياتىنى قوزغاپ، ئۇلارنىڭ پارتىيىگە ساداقىتىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغان بولۇشى مۇمكىن.
سىياسىي مۇلاھىزىچىلەر "چىن شۈيبيەننىڭ يەكشەنبە كۈنى تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىق ھەققىدىكى كۈچلۈك سۆزلىرى ئىككى قىرغاق مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرىدۇ" دېيىشمەكتە. (ئەقىدە)