ئۆتكەن ھەپتە تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۇيبيەن " تەيۋەن بىلەن جۇڭگو قەتئىي ئوخشىمايدۇ" دېگەن تېمىدا نۇتۇق ئېلان قىلغان ۋە تەيۋەن چوقۇم مۇستەقىل بولۇشقا قاراپ مېڭىشى، ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشى ۋە " جۇڭخۋا مىنگو " دېگەن نامىنى"تەيۋەن" قىلىپ ئۆزگەرتىشى كىرەك دەپ بىلدۈرگەن. چېن شۈيبيەننىڭ بۇ ئىبارىلىرى خىتاينى تولىمۇ بىئارام قىلدى. خىتاي بۈگۈن تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۇيبيەننىڭ نۇتۇقىغا قارشى ئۆز نارازىلىقىنى بىلدۈردى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لى جاۋشېڭ، كىمىكى تەيۋەننى چوڭ قۇرۇقلۇقتىن ئايرىماقچى بولىدىكەن شۇ " جىنايەتچى" دۇر دەپ ئېيتتى.
چېن شۈيبيەننىڭ نۇتۇقى، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىدا دۆلەت مۇداپىئە سىېلىنمىسىنى ئاشۇرۇش ھەققىدە قارار ماقۇللانغاندىن كىيىن ئېلان قىلىنغان ئىدى. بۇ يىغىننڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا، خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جىيا باۋ، "بىز شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، پۈتۈن خىتاي خەلقى ۋە تەيۋەنلىك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تىرىشىشى ئارقىسىدا خىتاينىڭ بىرلىككە كېلىشى چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ" دەپ ئېيتقان.
چېن شۈيبيەن يەكشەنبە كۈنى مۇستەقىلچىلەرگە سۆزلىگەن نۇتىقىدا، " تەيۋەن چوقۇم مۇستەقىل بولۇشى كىرەك، تەيۋەننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سىرتىدا" دېگەن ئىدى.
ب ب س مۇخبىرى كارولىن گىلاكنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پرېزىدېنت چېن تەيۋەندە ھوقۇق ئىگىلىگەندىن كىيىن تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ھەققىدە كۆپ كۈچىگەن بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ قېتىم ئېلان قىلغان نۇتۇقى ئەڭ كۈچلۈك رەۋىشتە ئېيتىلغان ئىكەن.
خىتاي ھازىرغىچە تەيۋەننى ئۆزىنىڭ بىر ئۆلكىسى دەپ قاراپ، ئەگەر تەيۋەن مۇستەقىللىق جاكارلىسا تەيۋەنگە ھەربىي ھۇجۇم قوزغايدىغانلىقى ھەققىدە چىڭ تۇرۇپ كەلگەن.
تەيۋەندىكى ئۆكتىچى رەھبەرلەر، چېن شۇيبيەننىڭ بۇ نۇتۇقى تەيۋەننى ئۇرۇش خەۋپىگە ئىتتىرىشى مۈمكىن دەپ ئېيتماقتا. (جۈمە)