تەيۋەن باشقۇرۇلدىغان بومبا سىنىقى ئىلىپ باردى

BBC نىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، تەيۋەن يېقىندا خوڭكوڭ ۋە شاڭخەيگە ھۇجۇم قوزغاش ئىقتىدارىغا ئىگە، قوغلاپ زەربە بېرەلەيدىغان بومبا سىنىقى ئىلىپ بارغان. بۇ سىناق ئىنتايىن مەخپىي ھالدا ئۆتكەن ئاينىڭ بېشىدا ئىلىپ بېرىلغان.

بۇ خەۋەر ، خىتاي ھەربى ھازىرلىقلار ۋە دۆلەت مۇداپىئە سىېلىنمىسىنى ئاشۇرۇشنى ئېلان قىلغان ۋە تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۈيبيەن تەيۋەن مۇستەقىللىقى توغرىسىدىكى نۇتۇقىنى ئېلان قىلىپ بىر كۈندىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي بىلەن تەيۋەن ئارىسىدىكى جىددىيچىلىك، تەيۋەندىكى مۇستەقىلچىلەردىن بولغان تەيۋەن مۇئاۋىن پرېزىدېنتى ئاننېتى لۇ كېلەر نۆۋەتلىك پرېزىدېنت سايلىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كىيىن تېخىمۇ كۈچەيگەن ئىكەن.

تەيۋەن ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ بەرگەن مەلۇماتىغا قارىغاندا Hsuifeng 2E تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا 2- فېۋرال تەيۋەن چىيۇفېڭ بازىسىدا سىناق قىلىنغان. سىناققا تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۇيبيەن قاتناشقان.

بۇ بومبا 1000كىلو مېتىرلىق دائىرىدە ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ خىتاينىڭ مۇھىم ئىقتىسادى بازىلىرىدىن بولغان شاڭخەي ۋە خوڭكوڭلارنى ۋەيران قىلالايدىكەن. (جۈمە)