تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى: تەيۋەننى ھەربىي ھازىرلىقلارنى كۈچەيتىشى كېرەك

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 12 مارت تەيبېيدىن بەرگەن خې ۋىرىدىن مەلۇم بولىشىچە، دۈشەنبە كۈنى تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى، خىتاينىڭ كۈنسايىن ئۆرلەۋاتقان ھەربىي كۈچىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، تەيۋەن تېخىمۇ كوپ ئىلغار قوراللارنى سېتىۋېلىشنى كېرەك ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.

تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لى جىيە "خىتاينىڭ ھەربىي ھازىرلىقلارنى كېڭەيمىچىلىكى، تەيۋەننى بارغانسېرى ھاۋا ۋە دېڭىز ئارمىيىسى ئۈستۈنلىكنى يورۇتۇشقا مەجبۇرلىماقتا"، دېدى.

لى نىڭ بىلدۈرۈشۈشىچە، خىتاي 2007 يىلى، ھەربىي ھازىرلىق تەرەققىياتى ئۈچۈن 350 مىليارد يۈئەن خىتاي پۇلى سەرپ قىلىدىغان بولۇپ، ھازىر 900 دانە قىتئەلەر ئارا ئۇچىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى تەيۋەننى نىشانلاپ تىكلەپ قويۇلغان ئىكەن. خىتاي يەنە بۇ بومبىلارنىڭ سانىنى 75-100 گە قەدەر كۆپەيتىۋىتىپتۇ.

لى يەنە "ئەگەر تەيۋەن ھەربىي ھازىرلىقلار تەييارلىقى جەھەتتە ئالاھىدە ھەرىكەت قوللانمىسا، ئىككى قىرغا ئارىسىدىكى ھەربىي تەڭپۇڭلۇق بۇزۇلۇپ، تەيۋەننىڭ ئۇتتۇرۇپ قويۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ"، دېدى. (جۈمە)

.