فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 12 - مارت تەيبېيدىن بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، دۈشەنبە كۈنى تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى، خىتاينىڭ كۈنسايىن ئۆرلەۋاتقان ھەربىي كۈچىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، تەيۋەن تېخىمۇ كوپ ئىلغار قوراللارنى سېتىۋېلىشنى كېرەك ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.
تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لى جىيە مۇنداق دېدى: "خىتاينىڭ ھەربىي ھازىرلىقلار كېڭەيمىچىلىكى، تەيۋەننى بارغانسېرى ھاۋا ۋە دېڭىز ئارمىيىسى ئۈستۈنلۈكىنى يورۇتۇشقا مەجبۇرلىماقتا ".
لى نىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي 2007 - يىلى، ھەربىي ھازىرلىق تەرەققىياتى ئۈچۈن 350 مىليارد يۈئەن خىتاي پۇلى سەرپ قىلىدىغان بولۇپ، ھازىر 900 دانە قىتئەلەر ئارا ئۇچىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى تەيۋەننى نىشانلاپ تىكلەپ قويۇلغان ئىكەن. خىتاي يەنە، بۇ بومبىلارنىڭ سانىنى 75-100 گە قەدەر كۆپەيتمەكچىكەن.
لى يەنە مۇنداق دېدى: "ئەگەر تەيۋەن ھەربىي ھازىرلىقلار تەييارلىقى جەھەتتە ئالاھىدە ھەرىكەت قوللانمىسا، ئىككى قىرغاق ئارىسىدىكى ھەربىي تەڭپۇڭلۇق بۇزۇلۇپ، تەيۋەننىڭ مەغلۇپ بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ". (جۈمە)