خىتاي تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىق ھەركەتلىرىگە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى

15 ‏- مارت پەيشەنبە كۈنى خىتاي تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىق ھەركەتلىرىگە قاتتىق قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، بۇ خىتاي قۇرۇلتاي جەريانىدا تەيۋەنگە قاراتقان ئەڭ يېڭى ئاگاھلاندۇرۇش ئىكەن.

تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۈيبيەننىڭ يېقىنقى باياناتىدىن كىيىن، خىتاي قۇرۇلتاي قاتناشقۇچىلىرى بۇنىڭغا ئوخشاش ئاگاھلاندۇرۇشلارنى قەرەرلىك بېرىپ تۇرغان ئىدى. پەيشەنبە كۈنى خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەسلىھەتچىلەر گەۋدىسى، تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى رەسمىيلەشتۈرۈش ھەركەتلىرىگە قارشى تۇرىدىغان قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى. بۇ قانۇن لايىھىسى سىياسىي كېڭەشنىڭ قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، مەزكۇر يىغىنغا خۇ جىنتاۋ ۋە باش مىنىستىر ۋېن جىياباۋلار قاتناشقان.

مۇ شۇ ئاينىڭ بېشىدا ۋېن جياباۋ ھەربىي ھازىرلىقلار خىراجىتىنى نى 17.8 پىرسەنت ئۆستۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىغاندا، ئەگەر تەيۋەن مۇستەقىللىقىنى رەسمىيلەشتۇرۇش يولىغا قاراپ ماڭسا تەيۋەنگە ھەربىي ھۇجۇم قوزغايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. چېن شۇيبيەن يېقىندا " تەيۋەن چوقۇم مۇستەقىل بولۇشى كىرەك. تەيۋەننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى جۇڭگونىڭ سىرتىدا" دەپ بايانات ئىلان قىلغان. (جۈمە)