تەيۋەننىڭ ئامېرىكىدىكى يېڭىدىن تەيىنلەنگەن ئەلچىسى خىتاينىڭ دىپلوماتىك ۋە ھەربى كېڭەيمىچىلىكى تەيۋەنگە تەھدىت، دېدى

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 19 مارت تەيبېيدىن بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، تەيۋەننىڭ ئامېرىكىدىكى يېڭىدىن تەيىنلەنگەن ئەلچىسى ۋۇ جاۋشيې، خىتاينىڭ دىپلوماتىك ۋە ھەربىي كېڭەيمىچىلىكىنى تەھدىت دەپ قارايدىغانلىقى بىلدۈرگەن.

ئۇ "دىپلوماتىيە جەھەتتە خىتاينىڭ، جەنۇبىي تىنچ ئوكيان، شەرقى جەنۇبىي ئاسىيا، مەركىزى ئامېرىكا، ۋە ئافرىقىدىكى مۇناسىۋەت دائىرىسى كۈندىن- كۈنگە كېڭەيمەكتە. بۇلار تەيۋەنگە نىسبەتەن بىر خەتەر. بۇ خىل خەتەر بارغانچە زورايماقتا" دېگەن.

ھازىرچە تەيۋەن- خىتاي مۇناسىۋەتلىرى كېڭىشىنىڭ باش رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان ۋۇ جاۋشيې بولسا چېن شۈيبيەننىڭ قاتتىق قول خىتاي سىياسىتىنىڭ باش پىلانچىسى. تەيۋەندە ھازىر ھوقۇق سۈرۈۋاتقان مۇستەقىلچى پارتىيە تەرەپتىن تۇنجى قېتىم تەيۋەننىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى بولۇپ تەيىنلەنگەن ۋۇ جاۋشىيى خىتاينىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بىلەن كۆرۈشۈشنى ئەمەلدىن قالدۇرغان.

گەرچە ئامېرىكا باشقا نۇرغۇن دۆلەتلەرگە ئوخشاش خىتاي بىلەن رەسمىي دىپلوماتىيە مۇناسىۋىتىنى ساقلايدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن دۆلەت بولسىمۇ، تەيۋەن ھۆكۈمىتى يەنىلا بوش ھۆكۈمىتىنى تەيۋەننىڭ مۇستەقىل بولۇش يولىدىكى ھەل قىلغۇچ ئىتتىپاقچىسى دەپ بىلىدۇ.

ۋۇ جاۋشيېنىڭ بىلدۈرۈشىچە خىتاي ئىقتىسادى تەرەققىيات نەتىجىلىرى بىلەن خەلقئارادا ئابروي قازانغان بولسىمۇ، لېكىن، تەيۋەننىڭ ئامېرىكىلىق دوستلىرى خىتايدا سىياسىي ۋە دىنىي ئەركىنلىك بولمىغانلىقى سەۋەبلىك پەقەت تەيۋەننىلا ئېتىراپ قىلىدىكەن.

ۋۇ جاۋشىيى مۇنداق دەيدۇ، " تەيۋەن مۇئەييەن ئارتۇقچىلىقلارغا ئىگە.تەيۋەن بىر دېموكراتىك دۆلەت، لېكىن خىتاي ئۇنداق ئەمەس. خىتاي دېموكراتىيە جەھەتتە قىلچىلىك ئۆزگەرمىدى. ئەكسىچە بارغانچە ناچارلاشماقتا".

بۇ يىل 53 ياشقا كىرگەن ۋۇ جاۋشيې، كېلەر ئايدا تەيۋەننىڭ ئەلچىسى سۈپىتىدە، ئامېرىكىغا جايلاشقان تەيبېي ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ۋاكالەتخانىسىدا خىزمەت باشلايدۇ. (جۈمە)