ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تەيۋەننىڭ ئاۋام پالاتاسىدا "دۆلەت تىلى"نى تەرەققى قىلدۇرۇش قانۇن لايىھىسى ماقۇللانغان. بۇ لايىھىگە ئاساسلانغاندا، بۇنىڭدىن كېيىن تەيۋەندە تەيۋەن تىلى، خاككا تىلى قاتارلىق يەرلىك تىللارنىڭ ھەممىسى "دۆلەت تىلى" دەپ ئاتىلىدۇ. تەيۋەن مەمۇرى پالاتاسىنىڭ باشلىقى سۇ جېنچاڭنىڭ ئېيتىشىچە، تەيۋەندىكى يەرلىك تىللارنىڭ ھەممىسى دۆلەت تىلى، تەيۋەننىڭ بۇ دۆلەت تىلىنى بۇنىڭدىن بۇرۇن قوللىنىلىپ كېلىۋاتقان "دۆلەت تىلى"دىن پەقلەندۈرۈش ئۈچۈن، ئۇنىڭ نامى "بېيجىڭ تىلى" دەپ ئاتىلىدىكەن.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، جاڭ كەيشى گۇرۇھى تەيۋەندە "دۆلەت تىلى" ھەرىكىتىنى قوزغاپ، رادىئولار -تېلېۋىزىيىلەرنىڭ ھەممىسىدە چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى "خىتايچە ئورتاق تىل"نى ئۆلچەم قىلغان، يەرلىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز ئانا تىلىدا سۆزلىشى چەكلەنگەن، "خىتايچە ئورتاق تىل" بۇيىچە تەلەپپۇز قىلمىغانلارنى جازالاشنى تەشەببۇس قىلغان ئىدى.
تەيۋەندە دېموكراتىيە-ئىلغارلىق پارتىيىسى ھوقۇق تۇتقاندىن كېيىن، يەرلىك تىللارنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئورگانلىرىنى قۇرۇپ، "مىننەن شىۋىسى" ئاساسىدا شەكىللەنگەن تەيۋەن تىلى، خاككا تىلى قاتارلىق يەرلىك تىللار، ھەتتا ناھايىتى كېچىك تىللاردىمۇ رادىئو-تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرى بېرىلىپ، تەيۋەننىڭ يەرلىك تىل مۇھىتى ياخشىلانغان ۋە پويىز ياكى ئاپتوبوسلاردا يۈنلىش كۆرسىتىش ئىزاھاتلىرىمۇ خىتايچە ئورتاق تىل، تەيۋەن تىلى، خاككا تىلى ۋە ئېنگىلىز تىللىرىدا ئاڭلىتىلىدىغان بولغان ئىدى. (ۋەلى)