تەيۋەن ھەربىي تەرەپنىڭ مۇھىم ئالاقە ۋە مانىۋېر مەخپىيەتلىكى خىتاينىڭ قولىغا چۈشۈپ قالدى

تەيۋەن جاسۇسلۇق ئورگىنى خىتاينىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇمىغا تەقلىد قىلىنغان بىر ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىغان، ئەمما بۇ ھەقتىكى ماتېرىياللار تەيۋەن ھەربىي خادىمىنىڭ سەۋەنلىكى تۈپەيلى خىتاينىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتكەن.

ئەسلىدە تەيۋەننىڭ مۇشۇ ئىشقا ئالاقىدار بىر ھەربىي ئەمەلدارى مەزكۇر ماتېرىياللارنى بۇيرۇققا خىلاپ ھالدا ئۆيىگە ئېلىپ كەتكەن بولۇپ، بۇ ماتېرىياللار خىتاي كومپيوتېر خايكىرلىرى قويۇپ بەرگەن "ترويان ئېتى" ۋىرۇسىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ئوغرىلاپ كېتىلگەن.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 9 ‏- ئاپرىل بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشچە، تەيۋەننىڭ چېن شۇيبيەن قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئارىلاشقان بۇ قېتىملىقى ھەربىي مانىۋېر بىر نەچچە كۈن ئىچىدە شىمالىي تەيۋەندە ئۆتكۈزۈلمەكچى ئىكەن.

تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، مەزكۇر ھەربىي مەخپىيەتلىكنىڭ ئاشكارىلىنىپ قېلىش ھادىسىنى تەكشۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، "خەن گۇئاڭ 23" دەپ ئاتالغان ھەربىي مانىۋېرىدا نېگىزلىك رول ئوينىغان پولكوۋنىك، خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ تەيۋەنگە قارشى قوزغاش ئېھتىماللىقى بولغان ھۇجۇمىغا تەقلىد قىلىنغان سانلىق مەلۇماتلار قويۇلغان بىر كىچىك ساقلىغۇچنى ئۆيىگە ئېلىپ كەتكەن بولۇپ، بۇ ساقلىغۇچقا ھەربىي ئالاقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تەيۋەن 2003 ‏- تارقاتقان "بوشېڭ ئەن" ھەربىي پروگراممىسى ۋە تەيۋەن قوراللىق قىسمىنىڭ جاسۇسلۇق ۋە كۆزىتىش ئىقتىدارىغا ئائىت ماتېرىياللىرى ساقلانغان ئىكەن.

تەيۋەن دۆلەت بىخەتەرلىكى بيۇروسى خادىمى ليۇ شۇسۈننىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ماتېرىياللارنىڭ خىتاي قولىغا چۈشۈپ قېلىشى تەيۋەن بىخەتەرلىكىگە مۇئەييەن زىيان ئېلىپ كېلىدىكەن. لېكىن ئۇ بۇ ھەقتە تەپسىلىي توختالمىغان. (جۈمە)