خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇجىنتاۋ شەنبە كۈنى بېيجىڭدا خىتاي- تەيۋەن ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدا ئېچىلغان يىغىندا سۆز قىلىپ، تەيۋەندىكى مۇستەقىللىق پائالىيەتچىلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى توختىتىش ئۈچۈن، تەيۋەن بىلەن ئىقتسادىي مۇناسىۋەتلەرنى تېخىمۇ كۈچەيتىشكە چاقىردى.
سۆزىدە، ئەمەلىيەت جۇدالىقنىڭ ھەر ئىككى تەرەپكە زىيان، بىرلىشىشنىڭ پايدا ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئىسپاتلىدى دەپ، كۆرسەتكەن خۇ جىنتاۋ، "ئىككى قىرغاق ئوتتۇرىسىدا تىنچلىقنى قوغداش ئۈچۈن تەيۋەندىكى مۇستەقىلچى كۈچلەرنىڭ پائالىيەتلىرىنىڭ ئالىدىنى ئېلىشىمىز كېرەك"، دېگەن.
خۇ جىنتاۋ سۆزىدە تەيۋەن بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەت ئورنىتىش مەسىلىسىدە يېڭى بىر تەشەببۇس ئوتتۇرىغا قويمىغان. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى تەيۋەن پرېزىدېنتى چىن شۈيبيەننى يالغۇز قالدۇرۇش ئۈچۈن يېقىندىن بېرى تەيۋەن سىياسىي ئۆكتىچى ھەرىكىتى بىلەن مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىشكە تىرىشماقتا. چىن شۈيبيەننىڭ پارتىيىسى تەيۋەننىڭ مۇستەقىل بىر دۆلەت بولۇشىنى قوللايدۇ. (قانات)