شەنبە كۈنى، تەيۋەندە ئېلىپ بېرىلغان پارلامېنت سايلىمىدا، پرېزىدېنت چىن شۈيبىيەننىڭ دېموكراتىيە ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى قاتتىق مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى. مارت ئېيىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان، پرېزىدېنت سايلىمىنىڭ ھارپىسىدا ئېلىپ بېرىلغان پارلامېنت سايلىمىدا، تەيۋەن مىللەتچى پارتىيىسى تەيۋەن پارلامېنتىدىكى 113 ئورۇننىڭ 82 سىنى قولغا كەلتۈرگەن.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ تەيبىدىن خەۋەر قىلىشىچە، تەيۋەندە شەنبە كۈنى ئېلىپ بېرىلغان پارلامېنت سايلىمىنىڭ نەتىجىسى تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى تەرغىب قىلغانلىقى ئۈچۈن بېيجىڭنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان پرېزىدېنت چىن شۈيبىيبەن ئۈچۈن ئۇچۇق بىر مەغلۇبىيەت ھېسابلىنىدىكەن.
سايلام نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، پرېزىدېنت چىن شۈيبىيەن، تەيۋەن دېموكراتىيە ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەنلىكىنى جاكارلاپ، سايلامدىكى مەغلۇبىيەتنىڭ جاۋابكارلىقىنى، ئۆز ئۈستىگە ئالدى.
سىياسىي ئانالىزچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تەيۋەننىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان مەسىلىلەر ۋە خىتاي تەيۋەن مۇناسىۋەتلىرىنىڭ جىددىيىلىشىشى، تەيۋەن دېموكراتىيە ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ پارلامېنت سايلىمىدا مەغلۇپ بولۇشىدا مۇھىم رولنى ئوينىغان.
ئۇلار نىڭ ئېيتىشىچە، گەرچە، تەيۋەن دېموكراتىيە ۋە تەرەققىيات پارتىيسىى، شەنبە كۈنى ئېلىپ بېرىلغان پارلامېنت سايلىمىدا، مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان بولسىمۇ، لېكىن مەزكۇر پارتىيىنىڭ پرېزىدېنت نامزىتى فرانك شىې نىڭ 22- مارت كۈنى تەيۋەندە ئېلىپ بېرىلىدىغان پرېزىدېنت سايلىمىدا غەلبە قىلىش ئېھتىماللىقى بارئىكەن. ئۇلار، شې، پرېزىدېنت سايلىمىدا غەلبە قىلىش ئۈچۈن ئۆزىنى پرېزىدېنت چىن شۈيبيەننىڭ تەسىرىدىن ئۇزاقلاشتۇرۇشى كېرەك، دېيىشمەكتە.
