تەيۋەندىكى سايلام نەتىجىسى مۇستەقىللىقنىڭ ئىنكارىمۇ ياكى چېن شۇيبيەننىڭ ئىنكار قىلىنىشىمۇ؟
2008.01.16
12 -يانۋار تەيۋەندە ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنت سايلىمىدا، گومىنداڭ پارتىيىسى پارلامېنتتىكى 113 ئورۇندۇقنىڭ 81 ىگە ئىگە بولۇپ، مۇتلەق ئۈستۈنلۈك ئورۇنغا ئوتتى. گومىنداڭنىڭ بۇ ئۈستۈنلۈكى بىلەن، ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە ۋە تەيۋەن پرېزىدېنتىنى ھوقۇقىدىن ئېلىپ تاشلاشقا قۇربى يېتىدۇ. پارلامېنتتا ئاران 27 ئورۇندۇققا ئېرىشكەن تەيۋەن دېموكراتىك پارتىيىسىنىڭ مەغلۇبىيەت سەۋەبلىرى نۆۋەتتىكى خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ قىززىق تىمىسى. سايلام نەتىجىسى، مۇستەقىللىقنىڭ ئىنكارىمۇ ياكى چېن شۇيبيەننىڭ ئىنكار قىلىنىشىمۇ؟
" چىن شۈيبيەن مۇستەقىللىق قەدىمىنى ئالدىراقسانلىق بىلەن باستى "
تەيۋەننىڭ ئومۇمى نوپۇسى، 22 مىليون 900 مىڭ بولۇپ، بۇنىڭ 84%ىنى ئۆزلىرىنى تەيۋەنلىك دەپ ئاتايدىغان يەرلىك خەلق ، 15% نى بولسا، ئۆزلىرىنى چوڭ قۇرۇقلۇقتىن كەلگەنلەر دەپ ئاتايدىغان كۆچمەن خەلق ئىگىلەيدۇ. ئالدىنقى قېتىملىق سايلاملار ۋە تۈرلۈك راي سىناشلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، يەرلىكلەر ئاساسەن دېگىدەك مۇستەقىللىق تەرەپدارى، كۆچمەنلەر بولسا، تەيۋەن بىلەن خىتاينىڭ بىرلىشىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. مانا بۇ رېياللىقنى نەزەردە تۇتقان بىر قىسىم مۇلاھىزىچىلەر، سايلام نەتىجىسىنى چېن شۇيبيەننىڭ مەغلۇبىيىتى دەپ قاراشماقتا. ئۇلارنىڭ كۆرسىتىشىچە ، چېن شۇيبيەننىڭ ئەڭ چوڭ كەتكۈزۈپ قويغان يېرى، سىياسىي ۋەزىيەتكە ھەددىدىن زىيادە ئېتىبار بېرىپ، ئىقتىسادىي ۋەزىيەتكە سەل قارىغان. نەتىجىدە تەيۋەندە، ئىشسىزلىق، مال باھاسى ئۆرلەش، پاي چېكى بازىرى داۋالغۇش قاتارلىق ئىقتىسادىي مەسىلىلەر كۆرۈلۈپ، خەلقنىڭ ماددى تۇرمۇشى ئېغىر قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن. ئىككىنچى چوڭ كەتكۈزۈپ قويغان يېرى، چېن شۇيبيەن خىتاينىڭ ھەربىي ۋەزىيىتىدىكى تەھدىتنى ھەددىدىن زىيادە كۆپتۈرۈپ كۆرسىتىپ، يەنە بىر تەرەپتىن، مۇستەقىللىق غايىسىگە قارىتا قەدىمىنى ئالدىراقسانلىق بىلەن باسقان، نەتىجىدە تەيۋەن ۋەزىيىتىنى ئورۇنسىز ھالدا جىددىيلەشتۈرۈۋەتكەن.
" چېن شۇيبيەن ئامېرىكا قاتارلىق ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ پىكىرلىرىگە پەرۋا قىلمىدى "
چېن شۇيبيەن ھاكىمىيەت بېشىدىكى بىر پارتىيىنىڭ باشلىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن ، باشقا پارتىيە -گۇرۇھتىكىلەرنى قانات ئاستىغا ئېلىش، پارتىيىلەر ئارىسىدا ماسلىشىشنىڭ باشلامچىسى بولۇشى كېرەك بولسىمۇ، ئۇ بۇ نۇقتىدا تەتۈر قەدەم ئالغان. سىياسەتتە، ئۆز پىكرىنى ۋە ئۆز پارتىيىسىنىڭلا مەيدانىنى ھەممىلا يەردە بىرىنچى ئورۇنغا قويۇۋالغان. مۇلاھىزىچىلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، چېن شۇيبيەن ئۆزى مۇرەسسەسىزلىكنى ئاساسلىق خىزمەت ئىستىلى قىلغىنى ئۈچۈن، بۇ ئىستىل پارتىيىسىنىڭ پارلامېنتتىكى ۋەكىللىرىگىمۇ ئۈلگە بولۇپ قالغان. دېموكراتىك تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ ئەزالىرى، كۆپ قېتىم، پارلامېنتتا قارشى پىكىردىكىلەرگە چاپان سېلى ، مۇشت كۆتۈرگەن. بۇ ئەھۋاللار، دېموكراتىك پارتىيىنىڭ جەمئىيەتتىكى ئىناۋىتىنى بەلگىلىك دەرىجىدە زېدىلىگەن، شۇنداق بولغىنى ئۈچۈن، بۇ خىل جىدەلخور پارلامېنت ئەزالىرى بۇ قېتىمقى سايلامدا تامامەن سايلىنالمىغان. سىياسىي ھېسسىياتتىكى ئەسەبىيلىك، پارتىيە ئەزالىرى ئىچىدىمۇ ئىتتىپاقسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇ سەۋەبتىن سايلام جەريانىدا نامزاتلار ئارىسىدا ئۆز - ئارا يول قويۇش پوزىتسىيىسى شەكىللىنەلمەي، قوللىغۇچىلارنىڭ ئاۋازىنى مەركەزلەشتۈرەلمىگەن. مۇلاھىزىچىلەرنىڭ قارىشىچە، چېن شۇيبيەننىڭ، ئامېرىكا قاتارلىق ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ پىكىرلىرىگە پەرۋا قىلماسلىقى، تەيۋەننى خەلقئارا ياردەمدىن ئۇزاقلاشتۇرۇپ قويۇشى، ئۇنىڭ سايلامدىكى مەغلۇبىيىتىنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرىدۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە نەق سايلام مەزگىلىدە، تەيۋەننىڭ 40 يىللىق ئىتتىپاقدىشى بولغان مالاۋىنىڭ تەيۋەن بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشى، دېموكراتىك تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ خەلقئارا دىپلوماتىيە ساھەسىدىكى ئىقتىدارىغا گۇمان چۈشۈرگەن. ئاخىرقى يىللاردا، چېن شۇيبيەن ۋە ئۇنىڭ ئائىلە -تاۋابىئاتلىرى ئۈستىدىن، ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ دۆلەتنىڭ پۇلىنى قاقتى-سوقتى قىلىش ئەيىبنامىسى بىلەن داۋا ئېچىلغان. بۇ خىل داۋا سايلامدا ئۇتۇپ چىققان گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ باشلىقى ما يىڭجيۇ ئۈستىدىمۇ ئېچىلغان. مۇلاھىزىچىلەرنىڭ قارىشىچە ، تېخى خۇلاىسىسى چىقمىغان مەزكۇر داۋا، چېن شۈيبيەننى مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتقان قوشۇمچە سەۋەبلەردىن بىرىدۇر.
شىې چاڭتىڭ : مۇستەقىللىق مەسىلىسىدە يول قويۇش پوزىتسىيىسى تۇتمايمىز
سايلامدىن كېيىن، چېن شۇيبيەن، مەغلۇبىيەتنىڭ پۈتۈن جاۋابكارلىقىنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى، پارتىيىدىكى ۋەزىپىسدىن ئىستىپا بەردى. تەيۋەن دېموكراتىك پارتىيىسىنىڭ پرېزىدېنت نامزاتى شىې چاڭتىڭ بۇ قېتىمقى سايلامدىن دەرس ئالغانلىقىنى، بۇندىن كېيىن خەلقنىڭ ئارزۇسى بۇيىچە قەدەم باسىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن: " بىز خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە، بۇندىن كېيىن تېنچلىق ۋە مۇرەسسە يولىنى ئاساسلىق يول قىلىپ تاللايمىز: ئەمما، تەيۋەننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىدىن ۋاز كەچمەيمىز، تەيۋەننىڭ شان-شەرىپىدىن ۋاز كەچمەيمىز، مۇستەقىللىق مەسىلىسىدە يول قويۇش پوزىتسىيىسى تۇتمايمىز. خەلقىمىزدىن يەنە بىر رەت پۇرسەت تەلەپ قىلىمىز. پرېزىدېنت نامزاتى شىې چاڭتىڭ، تەيۋەن مۇستەقىللىق غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا، چېن شۇيبيەندىن پەرقلىق يول تۇتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ يەنە، پرېزىدېنت سايلىمىدا ئۇتتۇرۇپ قويسا، سىياسەتتىن تامامەن قول ئۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز شۆھرەتنىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىنى ئاڭلايسىز.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- تەيۋەندە گومىنداڭنىڭ دۆلەت مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش ھەققىدە ئاۋاز قويۇش مەسىلىسى تالاش- تارتىشتا
- تەيۋەندە سىياسىي جىنايەتچىلەر تۈرمىسى كىشلىك ھوقۇق باغچىسىغا ئۆزگەرتىلدى
- خۇ جىنتاۋ بىلەن جورج بۇش تېلېفوندا تەيۋەن مەسىلىسى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى
- تەيۋەن ھۆكۈمىتىنىڭ جاڭ كەيشىنى ئۇلۇقلاشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەدبىرى بۈگۈن يەنە گومىنداڭچىلارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىدى
- تەيۋەن، بىر خىتاي ئادۋۇكاتىنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتى ئەرز سۇنۇش ئورگانى ئەزالىقىغا قارشى چىقتى
- تەيۋەن خەلقى 'ئۇيغۇر 12 مۇقامى' نى تەقەززالىق بىلەن كۈتمەكتە
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ تەيۋەننى قوللاش ھەرىكىتى