دېموكراتىيە تۈزۈمى مۇستەبىت تۈزۈمنى ئۆزگەرتەلەمدۇ؟
2008.01.18
خەلقنىڭ زۇلۇم چېكىشى ياكى زۇلۇم چەكمەسلىكى ئىجتىمائىي تۈزۈمگە باغلىق، مۇستەبىت تۈزۈمدىكى دۆلەتتە خەلق ئەركىنلىكتىن، كىشىلىك ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالدۇرىلىدۇ، مۇستەبىتلەر بولسا ئۆزىنىڭ ئورنىنى مۇستەھكەملەشنى ئويلايدۇ، خەلق بولسا مۇستەبىت تۈزۈمنى ۋە مۇستەبىتلەرنى ئۆزگەرتىشنى ئويلايدۇ. ئۆزگەرتىش مۇمكىنمۇ؟ بۇ مەسىلە خەلق ئىچىدە مۇلاھىزە قىلىنىۋاتقان بىر مۇھىم تېما.
تۆۋەندە مۇخبىرىمىز ۋەلى بۇ مەسىلە توغرىسىدا ئامېرىكىدىكى دوكتور قاھار باراتنىڭ ۋە تەيۋەندىكى سىياسىي ئوبزورچىسى لىن باۋخۇئا ئەپەندىنىڭ بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىلىرىنى ئاڭلىتىدۇ.
دېموكراتىيە تۈزۈمى مۇستەبىت تۈزۈمنى ئۆزگەرتەلەمدۇ؟
ئىنتېرنېت تور بەتلىرىدىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر قانداق قىلىپ ئۆزىنىڭ مۇستەبىتلىك ئورنىنى مۇستەھكەملەشنى ئويلايدۇ، خەلق بولسا مۇستەبىت تۈزۈمنى ۋە مۇستەبىتلەرنى قانداق قىلىپ ئۆزگەرتىشنى ئويلايدۇ. مۇستەبىت تۈزۈمنى قانداق ئۆزگەرتىش مەسىلىسى ھازىر خەلق ئىچىدە مۇلاھىزە قىلىنىۋاتقان بىر مۇھىم تېما.
مۇستەبىتلەر ئۆزى ئۆزگەرمەي ئۆلدى، ئەمما بەزىلىرىنىڭ ئەۋلادلىرى ئۆزگەردى، بەزىلىرىنىڭ ئەۋلادلىرى تېخى ئۆزگەرمىدى
ئامېرىكىدا تۇرۇۋاتقان دوكتور قارار باراتنىڭ بايان قىلىشىچە، مۇستەبىتلەر بىر ئۆمۈر ئۆزگەرمەي ئۆلدى. مەسىلەن :ستالىن، ماۋزېدوڭ، جاڭكەيشىلەر بىر ئۆمۈر مۇستەبىتلىكتىن قول ئۈزمەي ئۆلدى. ئەمما جاڭ كەيشىنىڭ ئوغلى ئۆزگەردى، بۇ ئۆزگىرىش ئامېرىكىدىن ئىبارەت دېموكراتىك دۆلەتنىڭ تەسىرىدە بارلىققا كەلدى.
ماۋ زېدوڭ بىلەن جاڭ كەيشىنىڭ ھەر ئىككىلىسى مۇستەبىت، ئەمما بۇ ئۇلارنىڭ تۇتقان يولى ئوخشىمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆمرى باشتىن -ئاخىر بىر-بىرى بىلەن ھوقۇق تالىشىپ، ئۆز-ئارا ھايات-ماماتلىق كۈرىشى قىلىپ ئۆتتى. ماۋنىڭ تۇتقان يولى كوممۇنىزم يولى، جاڭ نىڭ ئەگەشكەن يولى دېموكراتىيە يولى. جاڭنىڭ ھاكىمىيىتى چىرىكلەشكەن، شۇڭلاشقا ئۇ مەغلۇپ بولدى، ئەمما ئۇ ئامېرىكىنىڭ دېموكراتىك سىستېمىسىدا تۇرغانلىقتىن، تەيۋەن ئاستا- ئاستا دېموكراتىك دۆلەتكە ئايلاندى.
مۇستەبىتلەرنىڭ تەسىرىنىڭ تۈگەش-تۈگىمەسلىكى شۇ دۆلەتتە قانداق تۈزۈم يولغا قويۇلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك
دوكتور قاھار باراتنىڭ قارىشىچە، مۇستەبتلەرنىڭ تەسىرى تۈگەش ياكى تۈگىمەسلىكى، شۇ دۆلەتنىڭ تۈزۈمى كېيىنكى ۋاقىتتا قايسى تۈزۈمگە ياكى قايسى يۆنىلىشكە قاراپ مېڭىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ماۋ ئۆزىنىڭ ئەۋلادلىرىنى كوممۇنىزم تۈزۈمىدە قالدۇردى، شۇڭلاشقا ماۋنىڭ ئەۋلادلىرىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى. جاڭ ئۆلگەندىن كېيىن، تەيۋەندە دېموكراتىك تۈزۈم تېز ئەۋج ئالغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ تەسىرى تېز تۈگىدى.
مۇستەبىت تۈزۈمنىڭ ئۆزگىرىشى شارائىت بىلەن ۋە چەت دۆلەتنىڭ بېسىمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ ئوبزورچىسى، ھازىر تەيۋەندە تۇرۇۋاتقان سىياسىي مۇلاھىزىچى لىن باۋخۇئانىڭ تەھلىل قىلىشىچە، مۇستەبىت تۈزۈمنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە تەسىرىنىڭ يوقىلىشى شارائىت بىلەن ۋە چەت دۆلەتنىڭ بېسىمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. تەيۋەندە جاڭ نىڭ ئەۋلادلىرى ئۆزگەرگەنلىكى ۋە چوڭ قۇرۇقلۇقتا ماۋنىڭ ئەۋلادلىرى ھازىرغىچە تېخى ئۆزگەرمىگەنلىكى، بۇ يولغا قويۇلىۋاتقان تۈزۈم بىلەن، شارائىت بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ماۋنىڭ ئەۋلادلىرىنى ھازىر كوممۇنىست پارتىيىنىڭ مۇستەبىت ھاكىمىيىتى قوللايدۇ، ئۇلارنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇۋاتىدۇ.
لىن باۋخۇئانىڭ بايان قىلىشىچە، جاڭ نىڭ ئوغلى جاڭ جىنگو ئۆزگەردى، ئۇ دېموكراتىيە تۈزۈمى ئاستىدا قالغان قالغان ئىدى، بولۇپمۇ، ئامېرىكا جوڭخۇئا مىنگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزگەندىن كېيىن، قاتتىق ئويلاشقا مەجبۇر بولدى، بېسىمغا دۇچ كەلدى. گومىنداڭ يوقۇلۇشقا يۈز لەنگەنلىكىنى ھېس قىلدى. ئۇ بۇنداق ھالەتنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن تەيۋەنلىك يەرلىك خەلققە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇلارنىڭ ھېمايىسىگە ئىگە بولۇپ، تەيۋەندە تۇرۇپ قېلىش يولىغا ماڭدى. ئۇنىڭدىن بۇرۇن چوڭ قۇرۇقلۇققا قايتىدىن ھۇجۇم قىلىپ قايتىپ كېتىش خىيالىدا بولغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن 'تەيۋەننىڭ نامىنى كۆتۈرۈپ چىقىشقا ۋە گومىنداڭنى تەيۋەنلەشتۈرۈشكە باشلىدى. بۇ ۋاقىتتا، گەرچە گومىنداڭنىڭ مەنپەئەتلىرىگە ئېرىشكەن گۇرۇھلار نىڭ )چوڭ قۇرۇقلۇقتىن كەلگەنلەرنىڭ( قارشىلىقىغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا تەيۋەننىڭ يەرلىك كۈچلىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە قارىتا قويۇلغان چەكلىمىنى بوشاتتى.
لىن باۋخۇئانىڭ بايان قىلىشىچە، جاڭ كەيشىنىڭ 3 - ۋە 4 - ئەۋلادلىرىدا ئۆزگىرىش تېخىمۇ چوڭ بولدى. ئۇلار تەيۋەننىڭ يەرلىك كۈچلىرى يېتىشكە باشلىغاندا، تەيۋەندە ئىمتىيازدىن قېلىپ، كاناداغا كۆچۈپ كەتكەن ئىدى. دەۋرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن، ئۇلار دېموكراتىك دۆلەتلەردە تەربىيە كۆردى، بارا-بارا جاڭ كەيشىگە توغرا قارايدىغان بولدى، ھەتتا خەلقنىڭ تەيۋەننى جاڭ كەيشىدىن خالى قىلىش، جاڭ ھەيكەللىرىنى چېقىش، جەسىتىنى يۆتكەش توغرىسىدىكى تەكلىپىنىمۇ قوللىدى. مانا بۇ مۇھىتنىڭ تەسىرى. چەتئەلنىڭ بېسىمى. گىتلېر فاشىزىمىنى ۋە ياپون مىلىتارىزىمىنىمۇ ئۆزگەرتىپ دېموكراتىك دۆلەتكە ئايلاندۇرۇشنى ئامېرىكا ئورۇنلىمىدىمۇ!
مۇستەبىتلەرنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلۇش چەتنىڭ تەسىرىسىز ۋۇجۇتقا كەلگەن يەنە بىر مىسال بار
لىن باۋخۇئانىڭ ئېيتىشىچە، مۇستەبىتلەرنىڭ ئەۋلادلىرى چەتئەللەرنىڭ بېسىمى ياكى تەسىرى بولمىغان شارائىتتىمۇ ئۆزگەرگەن مىساللار ئار. مەسىلەن، ستالىننىڭ قىزى. ستالىننىڭ ۋەھشىلىكى، ھەتتا ئۆزىنىڭ خوتۇنىغىمۇ رەھىمسىزلىك قىلغانلىقى ، ستالىننىڭ ئۆز قىزىنىمۇ قاتتىق يىرگېندۈرگەن. ستالىننىڭ قىزى دادىسىنىڭ قىلمىشىدىن يىرگىنىپ مۇستەبىتكە قارشى تۇرۇش يولىغا ماڭغان. ئۇ چەت' ئەللەرگە كېلىپ تەربىيە كۆرگەندىن كېيىن، مۇستەبىتلىككە قارشى تۇرۇشتا تېخىمۇ قەتئىيلەشكەن. ئەمما ماۋنىڭ ئەۋلادلىرىنى خىتايدىكى ھازىرقى مۇستەبىت تۈزۈم يۆلەۋاتىدۇ، ئىمتىياز بېرىۋاتىدۇ. شۇڭلاشقا ئۇلار ئۆزگەرمەيۋاتىدۇ.
مۇستەبىت ۋاڭ لېچۈئەننىڭ توۋلىغان شۇئارى بىلەن كۆزلىگەن مەقسىتى تامامەن ئۆزگىچە لىن باۋخۇئا ئەپەندى ۋاڭ لېچۈئەن ھەققىدىمۇ تەھلىل يۈرگۈزدى. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، مۇستەبىتلەرنىڭ توۋلىغان شۇئارى بىلەن كۆزلىگەن مەقسىتى تامامەن ئۆزگىچە. شىنجاڭدا كوممۇنىست پارتىيىنىڭ ئەڭ سادىق غالچىسى ۋاڭلېچۈئەندەك يۇقىرى مەنسەبكە ئېرىشەلىگەن ئادەم يوق بولسا كېرەك. ئۇ 'دۆلەت مەنپەئەتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش' شۇئارىنى توۋلاپ كېلىۋاتىدۇ. ۋاڭ لېچۈئەن مۇشۇ شۇئار ئاستىدا، يەرلىك خەلقنى قانچە رەھىمسىزلىك باستۇرغانسېرى، كوممۇنىست پارتىيە ئۇنىڭ مەنسىپى شۇنچە ئۆستۈرىۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ 'دۆلەت مەنپەئەتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش' دېگىنى يالغان. مالىيە گېزىتىدە ئاشكارىلىنىشىچە، شەندوڭدىكى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئەڭ چوڭ ئېنېرگىيە شىركىتى بولغان 'لۇنېڭ شىركىتى' نىڭ 70 مىليارد يۇئەنلىك مۈلكىنى ئۈچ كىشى 30 مىليارد يۇئەنگە سېتىۋالغان. ئەھۋالنى بىلىدىغان كىشىلەرنىڭ پاش قىلىشىچە، ئۇنى سېتىۋالغۇچىنىڭ بىرى زىڭ چىڭخوڭنىڭ، يەنە بىرى ۋاڭ لېچۈئەننىڭ ئائىلىسى. دېمەك ۋاڭ لېچۈئەننىڭ 'دۆلەت مەنپەئەتى' دېگەن شۇئار ئاستىدا ئۆزىگە بايلىق توپلاۋاتقىنى راس. (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- تەيۋەندىكى گومىنداڭ پارتىيسى كۆرسەتكەن پرېزىدنت كاندىداتى ما يىڭجيۇنىڭ سايلام ئېلانى
- تەيۋەندىكى سايلام نەتىجىسى مۇستەقىللىقنىڭ ئىنكارىمۇ ياكى چېن شۇيبيەننىڭ ئىنكار قىلىنىشىمۇ؟
- تەيۋەندە گومىنداڭنىڭ دۆلەت مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش ھەققىدە ئاۋاز قويۇش مەسىلىسى تالاش- تارتىشتا
- تەيۋەندە سىياسىي جىنايەتچىلەر تۈرمىسى كىشلىك ھوقۇق باغچىسىغا ئۆزگەرتىلدى
- خۇ جىنتاۋ بىلەن جورج بۇش تېلېفوندا تەيۋەن مەسىلىسى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى
- تەيۋەن ھۆكۈمىتىنىڭ جاڭ كەيشىنى ئۇلۇقلاشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەدبىرى بۈگۈن يەنە گومىنداڭچىلارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىدى
- تەيۋەن، بىر خىتاي ئادۋۇكاتىنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتى ئەرز سۇنۇش ئورگانى ئەزالىقىغا قارشى چىقتى
- تەيۋەن خەلقى 'ئۇيغۇر 12 مۇقامى' نى تەقەززالىق بىلەن كۈتمەكتە