تەيۋەن ب د ت نىڭ ئىككى قىرغاق ۋەزىيىتىنى تەكشۈرۈشىنى تەلەپ قىلدى
2005.08.12
تەيۋەن دائىرىلىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن تەيۋەن بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ھازىرقى جىددىيلىك ئۈستىدىن تەكشۈرۈپ ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چېن تەنسۈن، تەيۋەننىڭ ب د ت دىكى 13 ئىتتىپاقدىشىنىڭ پەيشەنبە كۈنى ب د ت باش سېكرىتارى كوفى ئاننانغا بىر ئىلتىماس سۇنۇپ، ئۇنىڭ مەخسۇس گۇرۇپپا ئاجرىتىپ خىتاي بىلەن تەيۋەن ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيلىك ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.
چېن تەنسۈن سۆزىدە يەنە، "كوفى ئاننان ئىككى قىرغاقنى تىنچ دىئالوگ ئېلىپ بېرىشقا رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىشى كېرەك" دەپ بىلدۈردى.
تەيۋەننىڭ ب د ت دىكى ئىتتىپاقداشلىرى ئىلگىرى بۇ خىلدىكى ئىلتىماسنى 11 قېتىم سۇنغان بولۇپ، ھەر قېتىمدا خىتاينىڭ قارشىلىقى بىلەن تەستىقلانماي كەلگەن ئىدى. ئانالىزچىلار بۇ قېتىمقىسىنىڭمۇ ئاۋالقىلىرى بىلەن ئوخشاش ئاقىۋەتكە قالىدىغانلىقىنى پەرەز قىلماقتا.
بۇ ئارىدا تەيۋەن ھەربىي دائىرىلىرى تەيۋەندە ياسالغان سۇ ئاستى باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى تەيۋەننىڭ خىتايغا قارايدىغان دېڭىز بويىغا ئورۇنلاشتۇرغان. بۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار1000 كىلومېتىرلىق مۇساپىنى باسالايدىغان بولۇپ، بۇ خىتاينىڭ شەرقىي جەنۇب رايونلىرىنى نىشانلايدىكەن. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- تەيۋەننىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى لۈ شيۇليەن، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتى ھەققىدە توختالدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى، تەيۋەننى مۇستەقىللىق مەسىلىسىدە يەنە ئاگاھلاندۇردى
- تەيۋەن خىتاينىڭ ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇش شەكلىدە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى
- چىن شۈيبيەن خىتاي رەھبەرلىرىنى تەيۋەن ھۆكۈمىتى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا چاقىردى
- چېن شۈيبيەن تەيۋەننىڭ خىتايغا بولغان قىزغىنلىقىنىڭ پەسەيگەنلىكىنى بىلدۈردى