تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى، تەيۋەن ھۆكۈمىتىنىڭ، تەيۋەن نامى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا كىرىشنى جىددىي ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مايكەل لۇ، تەيبىيدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، تەيۋەننىڭ ب د ت غا ئەزا بولۇش توغرىسىدىكى بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ، تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇتەخەسسىسلەر تەيۋەننىڭ ب د ت دىكى ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، تەيۋەن نامى بىلەن ب د ت غا ئەزا بولۇشنى تەشەببۇس قىلىش توغرىسىدا جىددىي ئويلىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئۇ تەيۋەننىڭ، تەيۋەن نامى بىلەن ب د تغا كىرىشنى تەشەببۇس قىلىشىنىڭ ئەڭ توغرا بىر قارار ئىكەنلىكىنى، چۈنكى تەيەننىڭ خەلقئارادا تەيەن نامى بىلەن تونۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، تەيۋەن 13 يىلدىن بېرى خىتاي جۇمھۇرىيتى نامى بىلەن ب د ت گە كىرىشنى تەشەببۇس قىلىپ كەلگەن. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قارشى تۇرۇشى نەتىجىسىدە بۇ ھەرىكىتىدە مۇۋاپپەق بولالمىغان ئىدى.
خىتاي جۇمھۇرىيىتى 1971- يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن چىقىرىلغان بولۇپ، تەيۋەننىڭ ب د ت دىكى ئورنى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىگە بېرىلگەن. (قانات)