تەيۋەن "تەيۋەن" نامى بىلەن ب د ت غا كىرىشنى جىددىي ئويلاشماقتا

تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى، تەيۋەن ھۆكۈمىتىنىڭ، تەيۋەن نامى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا كىرىشنى جىددىي ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مايكەل لۇ، تەيبىيدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، تەيۋەننىڭ ب د ت غا ئەزا بولۇش توغرىسىدىكى بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ، تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇتەخەسسىسلەر تەيۋەننىڭ ب د ت دىكى ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، تەيۋەن نامى بىلەن ب د ت غا ئەزا بولۇشنى تەشەببۇس قىلىش توغرىسىدا جىددىي ئويلىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ تەيۋەننىڭ، تەيۋەن نامى بىلەن ب د تغا كىرىشنى تەشەببۇس قىلىشىنىڭ ئەڭ توغرا بىر قارار ئىكەنلىكىنى، چۈنكى تەيەننىڭ خەلقئارادا تەيەن نامى بىلەن تونۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، تەيۋەن 13 يىلدىن بېرى خىتاي جۇمھۇرىيتى نامى بىلەن ب د ت گە كىرىشنى تەشەببۇس قىلىپ كەلگەن. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قارشى تۇرۇشى نەتىجىسىدە بۇ ھەرىكىتىدە مۇۋاپپەق بولالمىغان ئىدى.

خىتاي جۇمھۇرىيىتى 1971‏- يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن چىقىرىلغان بولۇپ، تەيۋەننىڭ ب د ت دىكى ئورنى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىگە بېرىلگەن. (قانات)