تەيۋەن، باشقۇرىلىدىغان بومبىغا قارشى قورال سېتىۋېلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى
2005.03.21
تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى دۈشەنبە كۈنى، خىتاي چوڭ قۇرۇقلىقىدىن كېلىدىغان ھەربىي تەھدىدكە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، تەيۋەننىڭ ئامېرىكىدىن باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى قورال سېتىۋېلىشقا جىددىي ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى پارلامېنتقا سۇنغان دوكلاتىدا، “خىتاي چوڭ قۇرۇقلىقى 2014 - يىلى 12 دانە چارلىغۇچى باشقۇرىلىدىغان بومبا بىلەن تەيۋەننىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي مەركىزىگە ھۇم قىلىشى مۇمكىن" دەپ كۆرسەتكەن.
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى يەنە تەيۋەننىڭ بۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشى ئۈچۈن كەم دېگەندە نەچچە ئون "ۋەتەنپەرۋەر" تىپلىق باشقۇرىلىدىغان بومبىغا قارشى باشقۇرىلىدىغان بومبا ئىشلىتىشكە توغرا كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە تەيۋەننى قوغداش ئۈچۈن ئامېرىكىدىن 300 دانىدىن ئارتۇق باشقۇرىلىدىغان بومبا سېتىلىۋېشقا ئىھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنسىتىرلىقىنىڭ ئامېرىكىدىن 15 مىليارد 500 مىليون دوللارلىق باشقۇرىلىدىغان بومبا ۋە سۇ ئاستى پاراخۇدى قاتارلىق قوراللارنى سېتىۋېلىش پىلانى مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقان بولۇپ، تەيۋەن مەمۇرىي مەھكىمىسى ئۆتكەن چارشەنبە كۈنى بۇ قورال سودىسىنى ماقۇللىغان. بىراق مەزكۇر قورال سودىسى تەيۋەن پارلامېنتىنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتكەندە ئاندىن ئەمەلگە ئاشىدۇ.
بۇ ئارىدا، تەيۋەن "ئەركىنلىك ۋاقتى گېزىتى" نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تەيۋەن بىلەن سىنگاپور 3 - ئاينىڭ ئاخىرىدىن 4 - ئاينىڭ باشلىرىغىچە، تەيۋەننىڭ جەنۇبىي قىسمىدا بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزمەكچى بولغان. بۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغىشى مۇمكىن ئىكەن. (ئارزۇ)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى خىتاينىڭ "دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى قانۇنى" نى ئەيىبلىدى
- ئەگەر بېيجىڭ "دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى تۇرۇش قانۇنى" نى چىقارسا، تەيۋەن ئىككى قىرغاق سىياسىتىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرىدۇ
- خىتاي رەھبەرلىرى تەيۋەننى بىر جۇڭگو پرىنسىپىنى ئېتىراپ قىلىشقا ئۈندىدى
- تەيۋەن جاۋ زىياڭنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن خىتايدا سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بىرىلىشىنى تەلەپ قىلدى
- خىتاي تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىغا قەتئىي يول قويمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى