تەيۋەندىكى گومىنداڭ پارتىيسى كۆرسەتكەن پرېزىدنت كاندىداتى ما يىڭجيۇنىڭ سايلام ئېلانى


2008.01.16

تەيۋەندىكى ئۆكتىچى پارتىيە‏ گومىنداڭ پارتيىسى تەرىپىدىن كۆرسىتىلگەن پرېزىدېنت كاندىداتى ما يىڭجيۇ ئەپەندى 1 ‏- ئاينىڭ 16 ‏- كۈنى ئۆزىنىڭ سايلام ئېلانىنى ئاشكارىلىدى. ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، ما يىڭجيۇ سايلام ئېلانىدا، ئەگەر ئۇ تەيۋەندە پرېزىدېنت بولۇپ سەككىز يىل ۋەزىپە ئۆتىيەلىسە، تەيۋەنگە ئۇزۇن مۇددەتلىك باياشاتلىق كەلتۈرىدىغانلىقىنى، چوڭ قۇرۇقلۇق بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە بولسا «بىرلەشمەسلىك، مۇستەقىل بولماسلىق ، قورال ئىشلەتمەسلىك» سىياسىتى قوللىنىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، يېقىندا تەيۋەندە ئۆتكۈزۈلگەن پارلامىنت سايلىمىدا، گومىنداڭ تەرەپ ئۈستۈنلۈككە ئېرىشكەن ئىدى. ھازىر مىنجىنداڭ (دېموكراتىيە ۋە ئىلغارلىق پارتىيىسى) قايتىدىن ھەرىكەتكە كېلىپ، تەجرىبە-ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ، 3 ‏- ئايدىكى چوڭ سايلامدا غەلىبە قىلىش ئۈچۈن تىرىشماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.