تەيۋەن مەمۇرىي ئىدارىسىنىڭ باشلىقى يوۋشىكۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنى، تەيۋەن ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇش ھەرىكىتىنى پىلانلىماقتا دەپ بىلدۈردى.
يوۋشىكۈن بۇ سۆزنى لاتىن ئامېرىكىسىغا بېرىش سەپىرىدە ئامېرىكىدا قىسقىغىنا توختاپ ئۆتكەندە ئامېرىكا دائىرىلىرىگە ئېيتقان. ئەنگلىيە ب ب س رادىئو - تېلېۋىزىيىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇ ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرى ۋە ئامېرىكا پارلامېنتى تەيۋەن ئىشخانىسىنىڭ رەئىسى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇلارنىڭ تەيۋەنگە بولغان قوللىشىنى ئىستىگەن.
ئۇ پارلامېنت ئەزالىرىغا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، ئامېرىكىنىڭ ئىراق ئۇرۇشىدىن تەلىم ئېلىپ، تەيۋەن ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇش يولىدا " كاللىسىنى ئېلىش ھەرىكىتى" دېگەن ھەرىكەتنى پىلانلىغانلىقى ھەمدە بۇ ھەقتە بەزى مەشىقلەرنى ئېلىپ بارغانلىقىدىن تەيۋەن ئاخبارات دائىرىلىرىنىڭ خەۋەر تاپقانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
يوۋشىكۈننىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاينىڭ بارغانسېرى ئوچۇق ئاشكارا ھالدا تەيۋەننى نىشان قىلىپ ھەربى مانېۋىر ئېلىپ بېرىشى ۋە " بىرلىككە كەلتۈرۈش قانۇنى" تۈزۈشنى مۇزاكىرە قىلىۋاتقانلىقى قاتارلىق ئالامەتلەرنىڭ ھەممىسى خىتاينىڭ بۇنداق بىر پىلانىنىڭ بارلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
تەيۋەن مەمۇرىي ئىدارىسىنىڭ باشلىقى يوۋشىكۈن يەكشەنبە كۈنى لاتىن ئامېرىكىسىدىكى ئىتتىپاقداشلىرىدىن دومىنىكا جۇمھۇرىيىتى قاتارلىق ئۈچ دۆلەتكە قاراتقان زىيارىتىنى باشلىغان بىر پەيتتە، تەيۋەندىكى تاۋيۈەن ھاۋا ئارمىيە بازىسىدا پاراتتىن ئۆتۈش پائالىيىتى بولدى. تەيۋەن ئارمىيىسىنىڭ كۈچىنى نامايان قىلىدىغان كۆپ خىل تىپتىكى كۈرەشچى ئايروپىلانلار ئويۇن كۆرسىتىپ، كۆرگەزمە قىلىندى. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تەخمىنەن 100 مىڭدەك ئادەم يەكشەنبە كۈنىدىكى پاراتقا قاتناشقان. (ئارزۇ)