تەيۋەن جاۋ زىياڭنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن خىتايدا سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بىرىلىشىنى تەلەپ قىلدى
2005.01.17
تەيۋەن ھۆكۈمىتى دۈشەنبە كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتىدىن جاۋ زىياڭنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن دېموكراتىك ۋە سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
تەيۋەن ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى چەن چىمەي تەيبېيدە بەرگەن باياناتىدا، بىز بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنى تارىخنى قايتىدىن كۆزدىن كۆچۈرۈپ، تيەنئەنمىن مەيدانىدا يۈز بەرگەن ۋەقەگە توغرا باھا بېرىشكە شۇنداقلا جاۋ زىياڭنىڭ سەۋرچان ۋە ئەپۇچانلىقىدىن دەرس ئېلىپ خەلقنىڭ خىتايدا ئوچۇق ۋە دېموكراتىك بىر جەمىيەت قۇرۇش توغرىسىدىكى تەلەپلىرىنى ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىمىز، دىدى.
تەيۋەن ھۆكۈمەت باياناتچىسى، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ جاۋ زىياڭ خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ باش سىكرېتارى بولۇپ سايلانغاندىن كېيىن تەرەققىياتقا يۈز تۇتقانلىقىنى، ئەمما دېموكراتىيە، ئەركىنلىك، كىشىلىك ھوقۇق ۋە قانۇن ساھەسىدىكى تەرەققىياتنىڭ، ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ئىلگىرىلەشلەرگە ماسلاشمىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئۇ نىڭ يېتىشىچە، تەيۋەن ھۆكۈمىتى جاۋ زىياڭنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىنكى ۋەقەلەرنى يېقىندىن كۆزىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. چۈنكى، جاۋ زىياڭنىڭ ئۆلۈمى خىتايدا ئىچكى ئىختىلاپلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا ۋە مۇقىمسىزلىققا سەۋەپ بولۇشى مۇمكىن.
لېكىن، سىياسىي ئانالىزچىلار، جاۋ زىياڭنىڭ ئۆلۈمىنىڭ خىتايدا چوڭ ئۆزگىرىشلەرنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەپ بولمايدىغانلىقىنى، چۈنكى ئۇنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان نۇرغۇن پىلانلىرىنىڭ، بولۇپمۇ ئىقتىسادىي ئىسلاھات پىلانىنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى تەكىتلىمەكتە. (قانات)