چېن شۈيبيەن، بۆلۈنۈشكە قارشى قانۇننىڭ ئىككى قىرغاقنى تېخىمۇ يىراقلاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
2005.01.30
تەيۋەن پرېزىدېنتى چىن شۈيبىيەن، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى پىلانلاۋاتقان" بۆلۈنۈشكە قارشى قانۇنى" نىڭ پەقەت ئىككى قىرغاقنى تېخىمۇ يىراقلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ پارچىلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ بۇ سۆزنى يەكشەنبە كۈنى جەنۇبىي تىنچ ئوكياندىكى سولومون تاقېم ئاراللىرىنى زىيارەت قىلغاندا ئېيتقان.
چىن شۈيبىيەن سۆزىدە خىتاينى ئاگاھلاندۇرۇپ،" ئەگەر بېيجىڭ بۆلۈنۈشكە قارشى قانۇننى يۈرگۈزسە، بۇ قورال كۈچ بىلەن تەيۋەننىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنغانلىق . بۇ شۇنداقلا " تەيۋەن مۇناسىۋەتلەر قانۇنى" ۋە ئامېرىكا، ياپۇنىيىنىڭ بىخەتەرلىك كېلىشىملىرىگە رىقابەت ئېلان قىلغانلىق .تەيۋەن خەلقى بۇنىڭغا قارشى، بېسىۋېلىشقا قارشى قانۇننى چىقىرىشى ۋە ياكى ئومومىي خەلق رايىنى سىناش ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن" دېدى.
خىتاي دائىرىلىرى ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرى،" بۆلۈنۈشكە قارشى قانۇن لاھىيىسى" نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇنى بۇ يىلقى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئومومى يىغىنىنىڭ مۇزاكىرە قىلىشىغا سۇنۇشنى قارار قىلغان ئىدى. تەيۋەن پرېزىدېنتى چىن شۈيبىيەن خىتاينىڭ " بۆلۈنۈشكە قارشى قانۇنى" غا قەتئىي قارشىلىق بىلدۈرۈپ كەلگەن.
بۇنىڭدىن سىرت، شەنبە كۈنى تەيۋەن بىلەن بېيجىڭ ئوتتۇرىسىدا، چاغان بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن كۆتۈرىگە ئېلىنغان بىۋاستە يولۇچىلار ئايرۇپىلانى رەسمىي قاتنىدى. بۇ 1949 - يىلى تەيۋەن بىلەن خىتاي چوڭ قۇرۇقلىقى بۆلۈنگەندىن بويان، تۈنجى قېتىم بىۋاستە ئايرۇپىلاننىڭ قاتنىشى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ. ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، چاغان مۇناسىۋىتى بىلەن ئېچىلغان ئىككى تەرەپنىڭ بىۋاستە ھاۋا يولى قاتنىشى 2 - ئاينىڭ 20 - كۈنىگىچە داۋام قىلىدىكەن. (ئارزۇ)
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاينىڭ "دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى تۇرۇش قانۇنى" چىقىرىشىغا قارشى تۇردى
- چىن شۈيبيەن يېڭى يىل نۇتۇقىدا ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتى ھەققىدە توختالدى
- خۇ جىڭتاۋ يېڭى يىل نۇتۇقىدا تەيۋەننى ئاگاھلاندۇردى
- خىتاي "بۆلۈنۈشكە قارشى قانۇن لايىھىسى" نى 3 -ئايدا قارارلىماقچى
- تەيۋەن، خىتاينىڭ بۆلۈنۈشكە قارشى قانۇنىنى بىر كۈشكۈرتۈش دەپ كۆرسەتتى
- خىتاينىڭ ئومۇمىي خەلق قۇرۇلتىيى كىلەر يىلى بۆلۈنۈشكە قارشى قانۇننى مۇزاكىرە قىلىدۇ
- تەيۋەن دائىرىلىرى خىتاينىڭ بۆلۈنۈشكە قارشى قانۇن لاھىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى قاتتىق ئەيىپلىدى
- تەيۋەن پارلامېنت سايلىمىنىڭ نەتىجىسى ئېلان قىلىندى