خىتاي تەيۋەننىڭ دۆلەت بىرلىكى كومىتېتىنى بىكار قىلىشىنى ئەيىبلىدى


2006.02.28

تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۈيبيەن دۆلەت بىرلىكى كومىتېتىنى بىكار قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى سەيشەنبە كۈنى چېن شۈيبيەننىڭ قارارىغا كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرۇپ، تەيۋەن پرېزىدېنتىنىڭ ھەرىكىتىنى " مۇستەقىللىق يولىدىكى خەتەرلىك قەدەم" دەپ كۆرسەتتى.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ ھەقتە چىقارغان باياناتىدا، " چېن شۈيبيەن 'تەيۋەن مۇستەقىللىقى' نى تەرغىپ قىلىش ئارقىلىق ئىككى تەرەپ ئارىسىدا قارشىلىق ۋە دۈشمەنلىك پەيدا قىلماقچى" دەپ بىلدۈرگەن. باياناتتا يەنە، " بۇ، تەيۋەن جەمئىيىتىگە پەقەت ئاپەتلا ئېلىپ كېلىدۇ" دىيىلگەن.

ئەمما پرېزىدېنت چېن شۈيبيەن ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى قارارىنى ئاقلاپ، "دۆلەت بىرلىكى كومىتېتى ۋە دۆلەت بىرلىكى پروگراممىسى خەلقنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلىپ قالدى. چۈنكى بۇ تەيۋەن خەلقىنىڭ ئۆز كېلەچىكىگە ئۆزى قارار بېرىش ھوقۇقىنى چەكلەپ قويغان" دەيدۇ.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يەنە ئامېرىكىنى تەيۋەننىڭ بۇ ھەرىكىتىگە قارشى چىقىشقا چاقىرغان ھەمدە ئامېرىكا تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللاۋاتىدۇ دەيدىغان خاتا سېگنال بېرىپ قويۇشتىن ساقلىنىشقا ئۈندىگەن. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.