ياپونىيە دائىرىلىرىنىڭ تەيۋەن قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى گېنېرالىنى ياپونىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن ھەربىي مانىۋىرغا تەكلىپ قىلىشى، جوڭگۇ ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق نارازلىقىنى قوزغىدى.
رويېتىرىس ئاگېنتلىقى 25 - ئاۋغۇست كۈنى، جوڭگۇ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ليۇ جەنچاۋنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ": ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ، تەيۋەن قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ گېنېرالى خۇ جېنپۇنى ياپونىيىگە تەكلىپ قىلىشى، جوڭگۇ ياپونىيە مۇناسىۋىتىگە ئېغىر دەرىجىدە دەخلى يەتكۈزۈدۇ" دېدى.
ليۇ جەنچاۋ سۆزىدە يەنە ياپونىيىنىڭ، جوڭگۇ ياپونىيە ئوتتۇرىسىدا ماقۇللانغان، ئۈچ خىل سىياسەت ھۆججىتىنىڭ پرىنسىپ ۋە ئەھدىنامىلىرىغا خىلاپ ھەرىكەت ئېلىپ بارغانلىقىدىن قاتتىق نارازى بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.
باياناتچى ليۇ جەنچاۋ، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمىلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق، بىر جوڭگۇ پىرىنسىپىغا ھۆرمەت بىلدۈرىشى كېرەكلىكىنى، شۇنىڭدەك بۇندىن كېيىن بۇنداق ۋەقەنىڭ قايتا سادىر بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىدا، تەيۋەن قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى گېنېرالىنىڭ 24 - ئاۋغۇست كۈنى، ياپونىيدە ئېلىپ بېرىلغان چوڭ كۆلەملىك ھەربىي مانېۋىرنى كۆزدىن كەچۈرگەنلىكى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، مانېۋىرغا مەسئۇل خادىملارنىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر مانېۋىر ئاشكارە ئۆتكۈزۈلگەنلىكى ئۈچۈن، مانېۋىرنى كۆزدىن كەچۈرگۈچىلەرنىڭ ئېنىق سالاھىيتى بېكىتىلمىگەن ئىكەن. (قانات)