خىتاينىڭ سەنشى ئۆلكىسى لىنفېن شەھىرىدە 3000 دىن ئارتۇق تاكسى شوپۇرى چارشەنبە كۈندىن باشلاپ بىر قانچە كۈندىن بېرى ئىش تاشلاش ۋە يىغىلىش ئۆتكۈزۈش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ سودىگەرلەر بىلەن بىرلىشىپ، گۇۋانامىسىز تاكسىلارنىڭ تىجارەت قىلىشىغا يول قويغانلىقىنى ئەيىبلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە قاتناش ساقچىلىرىنىڭ تاكسى شوپۇرلىرىغا قالايمىقان جەرىمانە قويغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن.
خوڭكوڭدا چىقىدىغان "ۋېن خۇي" گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىش تاشلىغان شوپۇرلار يوللارغا توساق قويغان. غەزىپىنى باسالمىغان بەزى تاكسى شوپۇرلىرى گۇۋانامىسىز تىجارەت قىلىۋاتقان تاكسى ۋە رىكشىچىلارغا ھۇجۇم قىلغان.
ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، جۈمە كۈنى يىغىلىش ھەرىكەتلىرى ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، ئەمما ئىش تاشلاش داۋام قىلماقتا.
بۇ ئارىدا لىنفېن شەھەرلىك ھۆكۈمەت جىددىي ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، تاكسى شوپۇرلىرىنى دەرھال ئىشقا چۈشۈشكە چاقىرىپ، ساقچىلارنىڭ قالايمىقان جەرىمانە قويۇش، گۇۋاھنامىسىز تاكسى ۋە رىكشىلار ئۈستىدىن تەرتىپكە سېلىش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
خىتايدا پۇقرالارنىڭ ئىجتىمائىي ئادالەتسىزلىككە قارشى نارازىلىقى كۈندىن- كۈنگە كۈچىيىپ، نامايىشلار كومپارتىيە رەھبەرلىرىنى بىئارام قىلىشقا باشلىغان ئىدى. بۇ مەسىلە يېقىندا چاقىرىلغان كومپارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئومۇمى يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان. (ئەركىن)