تەيۋەن دائىرىلىرىنىڭ تارىخ دەرسلىكىنى قايتا ئۆزگەرتىشى غۇلغۇلا قوزغىدى


2007-01-30
Share

تەيۋەننىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر ئۈچۈن چىقارغان يېڭى تارىخ دەرسلىكى، تەيۋەن ئىچى ھەم خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدا كۈچلۈك غۇلغۇلا پەيدا قىلدى.

تەيۋەن مەركىزى ئاخباراتنىڭ خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، تەيۋەن مائارىپ تارماقلىرى يېڭى تارىخ دەرسلىكىدىكى ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىگە مۇناسىۋەتلىك نازۇك ئاتالغۇلارغا ھەم مۇھىم تارىخىي ئاتالغۇلارغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەن، خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقى، جۇڭگونىڭ تارىخى دېگەندەك، تەيۋەن بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتىنى ئايرىيدىغان، تەيۋەننىڭ ئەزەلدىنلا مۇستەقىل بىر زېمىن ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدىغان بەزى سۆز ئىبارىلەرنى قوللانغان.

يەنى ئەسلىدىكى تارىخ دەرسلىك كىتابىنىڭ "دۆلەت تارىخى" دېگەن نامىنى "جۇڭگو تارىخى" دەپ ئۆزگەرتكەن ھەم دەرسلىك مەزمۇنىدا ئەسلى ئىشلىتىلگەن "دۆلىتىمىز"، "چوڭ قۇرۇقلۇق" دېگەن سۆزلەرنىڭ ئورنىغا جۇڭگو دېگەننى قوللانغان.

ئۇنىڭدىن باشقا ئىلگىرىكى تارىخ كىتابلىرىدا "سۇن جۇڭشەن" دۆلەت ئاتىسى دېگەن ھۆرمەتلىك نام بىلەن ئاتىلىپ كەلگەن بولسا، يېڭى تارىخ كىتابتا دۆلەت ئاتىسى دېگەن نام ئېلىپ تاشلانغان. ھەمدە ئەسلىدە "خەن سۇلالىسى ئۆز باشقۇرۇشىدىكى قارشى چىققان ھونلارغا جازا يۈرۈشى قىلدى" دەپ ئېلىنغان جۈملىگە "خەن سۇلالىسى ھونلارغا ھۇجۇم قىلدى" دەپ ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ سەيشەنبىدىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى تەيۋەن دائىرىلىرىنىڭ تارىخ كىتابىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزىشىگە "تەيۋەن دائىرىلىرى تارىخنى بۇرمىلاش ئارقىلىق، تەيۋەننىڭ تارىختىن خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر بۆلىكىلىكىنى ئىنكار قىلىپ ئەۋلاتلارغا بۆلگۈنچىلىك ئىدىيىسىنى سىڭدۈرمەكچى" دەپ قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن.

تەيۋەن دېموكراتىيە ئىلغارلىق پارتىيىسىنىڭ رەئىسى يۆ شىكۈن بولسا، تەيۋەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ يېڭى تارىخ دەرسلىكىنى قوللاپ، بۇ تەيۋەن ياش ئەۋلادلىرىنىڭ، تۇپرىقىنى تارىخىي نۇقتىدىن ھەقىقىي توغرا تونۇشىغا شۇنداقلا تەيۋەننىڭ ئۆزلىكىنىڭ گەۋدىلىنىشىگە پايدىلىق" دەپ بىلدۈرگەن. (گۈلچېھرە)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت