تەيۋەن دائىرىلىرى بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنى تەيۋەننىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىدا كۆزەتكۈچىلىك سالاھىيىتىنى قولغا كەلتۈرۈشىگە توسقۇنلۇق قىلغان دەپ كۈچلۈك ئەيىبلىدى.
تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى شەنبە كۈنى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتاي رەھبەرلىرى تەيۋەن ئارىلىدىكى 23 مىليون كىشىنىڭ ساغلاملىقى ۋە بەخت-سائادىتىگە زىيانكەشلىك قىلدى دەپ كۆرسەتكەن.
باياناتتا يەنە، "بېيجىڭ دائىرىلىرى بىر تەرەپتىن تەيۋەننىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا كىرىشىگە توسقۇنلۇق قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن تەيۋەنگە ساختىلىق بىلەن مۈشۈك ئېيىق سوۋغا قىلىپ، ئىككى يۈزلىمىچىلىك قىلغان" دەپ يېزىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتى تەيۋەننى ئەزەلدىن خىتاينىڭ بىر ئۆلكىسى دەپ قاراپ كەلگەچكە، تەيۋەننىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا ئوخشاش چوڭ خەلقئارالىق تەشكىلاتلارغا ئەزا بولىشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ كەلدى.
ب د ت نىڭ سەھىيە تەشكىلاتى ئىجرائىيە كومىتېتى ئۆتكەن جۈمە كۈنى، تەيۋەننىڭ بۇ يىل 5- ئايدا ئېچىلىدىغان دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى يىغىنىغا كۆزەتكۈچى سالاھىيىتىدە قاتنىشىش تەلىۋىنى رەت قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. تەيۋەن دائىرىلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا كۈچلۈك بېسىم ئىشلەتكەنلىكى سەۋەبىدىن، تەيۋەننىڭ بۇ تەلىۋىنىڭ رەت قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتتى.