لى جاۋشىڭ، يادرو قوراللىرىنى ئىشلىتىش ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لى جاۋشىڭ يېقىندا، جۇڭگو تەرەپنىڭ ھەرقانداق ۋاقىت، ھەرقانداق شارائىتتا، يادرو قوراللىرىنى تۇنجى بولۇپ ئىشلەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

فرانسىيە ئاگېنتلىقى 23 - ئىيۇل كۈنى، خوڭكوڭ مەتبۇئاتىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ئەگەر خىتاي بىلەن تەيۋەن ئوتتۇرىسدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، ئامېرىكا ئارمىيىسى بۇنىڭغا ئارىلاشسا ۋە ھۇجۇم قىلسا، ئۇ ھالدا، جۇڭگو تەرەپنىڭ چوقۇم يادرو قوراللىرىنى ئىشلىتىپ قايتۇرما زەربە بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خوڭكوڭ مەتبۇئاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇ قاراشنى، خىتاي ئازادلىق ئارمىيە دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى جۇ چېڭخۇ ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، لى جاۋشىڭ " جۇ چېڭخۇنىڭ سۆزلىرى پەقەت بىر ھەربىي تەتقىقاتچىنىڭ قارىشىدىن ئىبارەت، ئۇنىڭ سۆزلىرى ھېچقاچان جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ مەيدانىنى كۆرسىتىپ بېرەلمەيدۇ" دەپ تەكىتلىدى.

بىراق، ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، بېيجىڭ، جۇ چېڭخۇنىڭ سۆزلىرى ئارقىلىق ۋاشىنگتونغا، تەيۋەن مەسىلىسنىڭ خىتاي ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكى توغرىسىدا سىگنال يەتكۈزمەكچى ئىكەن.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ ماقالىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، گەرچە لى جاۋشىڭ خىتاينىڭ يادرو قوراللىرىنى تۇنجى بولۇپ ئىشلەتمەسلىك مەيدانىنى ئىپادىلىگەن بولسىمۇ، ئامما لى جاۋشىڭ سۆزىدە يەنىلا " خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر قانداق بىر ئادەمنىڭ، ھەرقانداق بىر شەكىلدە، تەيۋەننى خىتايدىن ئايرىپ چىقىپ كېتىشىگە يول قويمايدۇ" دەپ تەكىتلىگەن. (ئەقىدە)